新闻详情

بۇلار تەتۈر ئاشالامدۇ؟

发表时间:2021-02-20 17:04作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png

ھەپتە ئارىلىقىدىكى 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، يۇۋېنتۇس 2:1 نەتىجىدە پورتو كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، بارسېلونا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 4:1 نەتىجىدە پارىژ سانت گېرمانغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ، پۇتبول ساھەسىدىكى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىككى چولپان بار كوماندا ئوخشاشلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

ئەگەر يۇۋېنتۇس بىلەن بارسېلونا كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىدە غەلىبە ئارقىلىق رەقىبىنى شاللىيالمىسا، بۇمۇ كرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، ئالدىنقى قېتىم مېسسى بىلەن رونالدونىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا تەڭلا كىرەلمىگەن ۋاقتى 2004/2005 مۇسابىقە پەسلىگە توغرا كېلىدىكەن.

بارسېلونانىڭ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ، پارىژ سانت گېرمان ساھىبخان مەيداندا بارسېلونا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، يۇۋېنتۇسنىڭ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئىككى كوماندىنى سېلىشتۇرغاندا يۇۋېنتۇسنىڭ رەقىبىنى شاللاش مۇمكىنچىلىكى بارسېلوناغا قارىغاندا يۇقىرى دىيىشكە بولىدۇ.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟







分享到: