新闻详情

خانلىق مادرىد VS ۋاللادولىد مۇسابىقىسىگە نەزەر

发表时间:2021-02-20 17:44作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 04:00تىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 24-ئايلانمىسىدا، خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا ۋاللادولىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئۇنداقتا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىگە ئېرىشەلەمدۇ؟

مۇسابىقە مەيدانى: خوسې سولىيا پۇتبول مەيدانى

خانلىق مادرىدنىڭ ئەھۋالى:

خانلىق مادرىدنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ئايلانما مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بەش ئايلانما مۇسابىقىنىڭ تۆت ئايلانمىسىدا غەلىبە قىلدى ھەمدە گېتافې ۋە ۋالېنسىيە بىلەن چۈشكەن مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمىدى.

خانلىق مادرىد ۋاللادولىد بىلەن ئوينالغان 10 مەيدان مۇسابىقىدە، سەككىز مەيدان غەلىبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلەشكەن، ھازىر خانلىق مادرىد بىر ئايلانما مۇسابىقىگە ئارتۇق قاتناشقان ئەھۋال ئاستىدا، مادرىد ئاتلېتكىدىن ئالتە نومۇر كەينىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېنزېما، راموس قاتارلىق كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ. خانلىق مادرىد كېلەر ھەپتە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئاتلانتا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ يېتىشىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ كوماندىدىكى خىلى كۆپ توپچىلار يارىلىنىشقا دۇچ كەلدى، ئۇنداقتا خانلىق مادرىد قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، بۇ مۇسابىقىلەردە غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەمدۇ؟

ۋاللادولىدنىڭ ئەھۋالى:

بۇ پەسىل ۋاللادولىدنىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى ئەمەس، ھازىر ئۇلار ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئارقىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 4-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ۋاللادولىد 1:0 نەتىجىدە خانلىق مادرىدقا ئۇتتۇرۇپ قويغان، يېقىنقى ئۈچ قېتىم خانلىق مادرىد بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدىمۇ پەقەت بىر توپلا كىرگۈزگەن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ۋاللادولىد ساھىبخان مەيدان ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ئۇنىڭدىن باشقا، خانلىق مادرىدنىڭمۇ كۆپ ساندىكى ئاساسلىق توپچىلىرى بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ۋاللادولىد خانلىق مادرىدنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىنى توسۇپ قېلىشى مۇمكىن.



تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: