新闻详情

لاتارىيە سېتىش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، ساغلام ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشمىز كېرەك

发表时间:2021-02-18 11:45作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ئۈرۈمچى پاراۋانلىق

لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى


       2021 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى يۇڭفېڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 103 كىنو باغچىسىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئاپپاراتى بىۋاسىتە تىجارەت ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنىدا سېتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

21.png

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ شىجۈن 103 كىنو باغچىسى پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئورگىنى بىۋاسىتە تىجارەت قىلىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي دوكلات قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ چوڭ تىپتىكى سودا سارايلاردا پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئاپپاراتى بىۋاسىتە سېتىش ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنى تەسىس قىلىش خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ يېڭى سېتىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان كوللېكتىپ لاتارىيەنى خەلق سېتىۋېلىش لاتارىيەسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ھەمدە پاراۋانلىق لاتارىيەسى ماركىسىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم چوڭ تىپتىكى سودا سارايلار پاراۋانلىق لاتارىيەسى دۇكىنىنىڭ ئوبراز قۇرۇلۇشىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش، لاتارىيەچىلەرنى ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، ياخشى سۈپەتلىك ماركا يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

22.png

ئارقىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى يۇڭفېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ شىجۈن قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئەتراپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش تور نۇقتىسى، يەنى بېلەت سېتىش كۆرگەزمە نۇقتىسىغا بېرىپ، ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، پونكىت نۇقتىسىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تەپسىلىي سورىدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ساتقۇچى خادىملار ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەت پىكرى ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق لاتارىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى يۇڭفېڭ لاتارىيە باشقۇرۇش، سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملارغا بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، لاتارىيە سېتىش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، ساغلام ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ھەم بىرىنچى سەپتىكى ساتقۇچىلاردىن يېڭى يىللىق ھال سوراش ۋە بەخت تىلەشنى تاپىلىدى!

23.png


ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيىسى تارقىتىش مەركىزى

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى


分享到: