新闻详情

AC مىلان 3:0 خەلقئارا مىلان

发表时间:2021-02-22 11:16作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png




بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:00دىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 23-ئايلانمىسىدا 226-قېتىملىق مىلان دېربىيسى ئوينالدى، بۇ قېتىم AC مىلان ساھىبخان مەيداندا خەلقئارا مىلان بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە خەلقئارا مىلاندىن لۇكاكۇ پاس چىقىرىپ لاۋتارو بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا خەلقئارا مىلاندىن لاۋتارو بىلەن لۇكاكۇ بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، خەلقئارا مىلان 0:3 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

مۇسابىقىنىڭ 5-مىنۇتىدا خەلقئارا مىلان ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، لۇكۇكۇ ئوڭ تەرەپتىن توپنى چەكلەنگەن رايونغا تاشلىدى، مۇداپىئەسىز قالغان لاۋتارو كاللا توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 12-مىنۇتىدا كيار لاۋتارونى يىقىتىۋەتكەچكە سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى. مۇسابىقىنىڭ 15-مىنۇتىدا خاندانوۋىچ ئىبراھىموۋىچ تەپكەن توپنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 21-مىنۇتىدا لۇكاكۇ تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 22-مىنۇتىدا ئاچراف تېئونى يىقىتىۋەتكەچكە سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى، ئاچراف سېرىق كارتا يىغىلىپ قىلىش سەۋەبىدىن كېلەر ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ. مۇسابىقىنىڭ 25-مىنۇتىدا لۇكاكۇ پاس چىقاردى، لېكىن مىلان بېكلىرى ئېرىكسېن تەپكەن توپنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 33-مىنۇتىدا تېئو تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 38-مىنۇتىدا رېبىچ پاس چىقاردى، لېكىن خاندانوۋىچ ئىبراھىموۋىچ بوشلىقتىن تەپكەن توپنى تۇتىۋالدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0:1 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

مۇسابىقىنىڭ 47-مىنۇتىدا خاندانوۋىچ ئىبراھىموۋىچنىڭ ئىككى قېتىملىق كاللا توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 55-مىنۇتىدا كېسسى تەپكەن توپ قاپقا ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 56-مىنۇتىدا خەلقئارا مىلان نەتىجىنى چوڭلاتتى، لاۋتارو بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا دوننارۇمما لۇكاكۇ تەپكەن توپنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا خەلقئارا مىلان غەلىبىنى مۇقىملاشتۇردى، لۇكاكۇ ئوتتۇرا مەيداندىن توپنى ئېلىپ بۆسۈپ ئۆتۈپ بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 69-مىنۇتىدا ئېرىكسېن يىراقتىن تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 75-مىنۇتىدا ئىبراھىموۋىچ كاستېللىخو بىلەن ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 86-مىنۇتىدا خەلقئارا مىلاندىكى بارېرا يارىلانغاچقا ۋىدال بىلەن ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، خەلقئارا مىلان 0:3 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: