新闻详情

بالىنى كىم بىقىش كىرەك؟

发表时间:2021-02-22 11:34作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ

640-24.gif640-59.png

يېقىندا مەلۇم بىر چولپاننىڭ توي قىلماي تۇرۇپ بالىلىق بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، توي قىلماي تۇرۇپ بالىلىق بولۇش مەسىلىسى يەنە كىشىلەرنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، ئۇنداقتا توي قىلىپ تۇرۇپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن، بالىنى زادى كىم بېقىشى كېرەك؟ قانۇندا بۇنىڭغا قارىتا بەلگىلىمە بارمۇ؟
بۇ مەسىلىگە قارىتا، بىر قىسىم يىغىپ رەتلىگەن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم،
كۆپچىلىككەياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

012317130736100015929011.jpg

دۆلىتىمىز «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تويلۇق تۇغۇلغان بالا بىلەن تويسىز تۇغۇلغان بالا ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

ئەگەر ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بالىنى بېقىش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش كېلىپ چىقسا ياكى بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى كېلىشەلمىسە، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا، سوت مەھكىمىسى قانداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ؟

022119414249200015929011.jpg

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىش مەسىلىسىگە چېتىلغاندا، ئادەتتە سوت مەھكىمىسى بالىلارغا ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بېقىش ئىقتىدارى، بالىنىڭ ئارزۇسى، ئۆگىنىش ئەھۋالى قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللارغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
1. ئىككى ياشقا توشمىغان بالىلارنى پىرىنسىپ جەھەتتە ئانىسى باقىدۇ. لېكىن پەرزەنتلەر ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بولمايدىغان ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئاتىسى بىۋاسىتە باقسا بولىدۇ.
2. ئىككى ياشقا توشقان بالىلارنى ئاتا-ئانىسى بېقىشنى تەلەپ قىلغاندا، بىر تەرەپتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئالدىن ئويلىشىشقا بولىدۇ:
(1) تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ياكى پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا؛
(2) بالىنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشىغان ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولسا؛
(3) باشقا پەرزەنتى بولمىسا ھەمدە يەنە بىر تەرەپنىڭ باشقا پەرزەنتى بولسا؛
(4) پەرزەنتىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشى پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپ بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز بەزى كېسەللەرگە گىرىپتار بولسا.
3.ئاتا-ئانىلار بالىنى بىۋاسىتە بېقىشنى تەلەپ قىلسا، لېكىن بالا يىل بويى بوۋا-مومىسى ياكى ئانا تەرەپ بوۋا-مومىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋا-مومىسى ياكى ئانا تەرەپ بوۋا-مومىسىمۇ بالىنى بېقىشنى تەلەپ قىلسا ھەمدە بېقىش ئىقتىدارى بولسا، بۇنى ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ بالىنى بىۋاسىتە بېقىشىنى ئويلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلسا بولىدۇ.
4. سەككىز ياشقا توشقان بالىلارنى بېقىش مەسىلىسىنى ئۇلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ ئويلىشىش كېرەك.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎


分享到: