新闻详情

غەربىي ھام 1:2 توتتېنھام

发表时间:2021-02-22 11:39作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت 20:00دىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 25-ئايلانمىسىدا توتتېنھام مېھمان مەيداندا غەربىي ھام بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە غەربىي ھام ھۇجۇم تەشكىللەپ ئانتونىئو بىر توپ كىرگۈزدى، خاررى كېننىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لىنگارد بىر توپ كىرگۈزدى، بېلنىڭ ياردەمچى پاس يەتكۈزۈشى بىلەن لۇكاس مورا بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، سون خيۇڭمېننىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۈۋرۈكىگە تەگدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي ئاخىرىدا غەربىي ھام بىرلەشمىسى 1:2 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ تۆت مىنۇت بولغاندا غەربىي ھام توپ كىرگۈزۈپ مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، غەربىي ھام ھۇجۇم تەشكىللەپ ئانتونىئو بىر توپ كىرگۈزدى. ئارقىدىنلا غەربىي ھام بىرلەشمىسى يەنە بىر قېتىم قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللەپ لىنگارد قاپقا ئالدىغا پاس چىقاردى، ئانتونىئو توپنى قوغلاپ يېتىشەلمىدى، لامېلا توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن خاررى كېنغا پاس بەردى، خاررى كېننىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى. داۋسوننىڭ ئۈسۈگەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە غەربىي ھامنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بېل زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى، مۇسابىقىنىڭ 46-مىنۇتىدا غەربىي ھامدىن لىنگارد بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. خاررى كېن تەپكەن ئىختىيارىي توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا توتتېنھام بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، بېل بۇلۇڭ توپتىن پايدىلىنىپ ياردەمچى پاس چىقاردى، لۇكاس مورا بۇ توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزدى. بېلنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تېگىپ قاڭقىپ چىقىپ كەتتى. كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، ئاخىرىدا غەربىي ھام ساھىبخان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە توتتېنھامنى مەغلۇپ قىلدى.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: