新闻详情

كونور چېلىشىش سەھنىسىگە ماس كەلمەيدۇ

发表时间:2021-02-22 11:50作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى

640-24.gif640-59.png


ئالدىنقى ئايدىكى UFC يېنىك دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسىدە، داستىن پورىئېر بىلەن كونور ماكگرېگور مۇسابىقىلەشتى ھەمدە مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا داستېن پوۋېرنىڭ ئېغىر ھۇجۇمى ئاستىدا مەغلۇب بولدى، بۇ كونور ماكگرېگورنىڭ كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم رەقىبى تەرىپىدىن TKO بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن كونور ماكگرېگورنىڭ يۇرتدىشى، ئېرلاندىيەلىك WWE ماھىرى شېمۇس مەخسۇس پىروگرامما زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كونورنىڭ مەغلۇبىيىتىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «كونور ناھايىتى قالتىس، ئۇ ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغۇچى سالاھىيىتى بىلەن مەيداندىن چىقاتتى، گەرچە بۇ قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما مەن مۇسابىقىنى ناھايىتى قالتىس بولدى دەپ قارايمەن، ئۇنىڭ رىقابەتچىسى ئويناش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدۇ».

شېمۇس كونور ئۈستىدە توختالغاندا: «سىز مەندىن كونورنىڭ كەلگۈسىدە WWEغا قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقىنى سورىدىڭىزمۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ، مەندە يېتەرلىك ئىسپات بار، نەچچە يىل بۇرۇن مەن ئۇنىڭ بىلەن تەنتەربىيە سارىيىدا ئۇچرىشىپ قالغان، شۇ چاغدا ئۇ مەندىن قايسى تۈرنى مەشىق قىلىدىغانلىقىمنى سورىغانىدى، مەن كەسپىي چېلىشىش تۈرى دەپ جاۋاب بەردىم، ئۇ يەنە ماڭا خۇشال ھالدا ئەگەر كەلگۈسىدە پۇرسەت بولسا مېنىڭمۇ WWEغا ئەزا بولۇپ كىرگۈم بار دېدى، شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ ھازىرقى ھەممە ئادەم بىلىدىغان داڭلىق چولپان بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن» دېدى.

گەرچە كونورنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى چېلىشىش ساھەسىگە ئەزا بولۇش سادالىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كونور ماكگرېگور كەسپىي چېلىشىشنى كۆپ قېتىم مەسخىرە قىلغان ھەمدە 16 قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان جون سېنانى «بالىلار كىيىمى كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان گىگانت بوۋاق» دەپ مەسخىرە قىلغان.

گەرچە كەسپىي چېلىشىشنى مەسخىرە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كونورنىڭ WWEغا قوشۇلۇشىنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى يەنىلا WWE رەئىسى ۋىنس مەكمەن. قانداقلا بولمىسۇن كونورنىڭ قوشۇلىشى زور بىر تۈركۈم مەستانىلەرنى WWEغا باشلاپ كىرىدۇ، بۇمۇ بروك لېسنار بىلەن توختام ئىمزالىغانغا بىلەن ئوخشاش.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا شېمۇس كونورنىڭ چېلىشىش سەھنىسىگە ماس كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا: «WWE بىلەن UFC پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، بەلكىم ئۇ توردىكى بىر قېسىم پىتنە-ئىغۋالاردىن كەسپىي چېلىشىش ساھەسىنى چۈشىنىمەن دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇ راستلا بۇ كەسىپكە قوشۇلسا ئاندىن بۇنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى بىلەلەيدۇ. مەن بروك لېسنارنىڭ ھەقىقەتەن بەك مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن، چۈنكى ئۇ ھەر ئىككى ساھەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرالايدۇ، لېسناردىن باشقا مەن بۇنداق قىلالايدىغان باشقا ئادەمنى تاپالمايمەن، ھەتتا كونورمۇ بۇنداق قىلالمايدۇ» دېدى.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: