新闻详情

شياۋمىنىڭ قوش بايراقدار يانفۇنى

发表时间:2021-02-22 17:04来源:ئايتى ئائىلسى

640-24.gif640-59.png


Redmi K40 قوش بايراقدار يانفونى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ، بۈگۈن Redmi خوڭمى يانفونى ئورگان تەرەپ بۇ يېڭى يانفوننىڭ تۇنجى تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Redmi K40 يۈرۈشلۈكىنىڭ لايىھە ئىلھامى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ داڭلىق پىچاقنىڭ بىرى بولغان داماسكۇس پىچىقى (Damascus Steel)دىن كەلگەن، كەينى قېپىغا خۇددى پىچاق يۈزىگە بېسىلغانغا ئوخشاش گۈزەل نەقىش چۈشۈرۈلگەن.

Redmi K40 يۈرۈشلۈكىگە 4520mAhلىك چوڭ باتارېيە ئورنىتىلغان، بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سناپدراگون 888، شياۋمى بۇ يانفوننىڭ ئۇدا ئىشلىتىشچانلىقىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىپ، ئۇدا ئىشلىتىشچانلىقى ياخشى بولغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، يانفوننىڭ يېنىك ۋە نېپىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

Redmi K40 يۈرۈشلۈكى Redmi K40 ۋە Redmi K40 Pro ئىككى خىل يانفون تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا سناپدراگون 870 ۋە 888 ئۆزىكى سەپلىنىدۇ. 6.7 ديۇملۇق سامسۇڭنىڭ ئەڭ يېڭى E4 AMOLED نۇر چىقىرىش ماتىرىيالىدا ياسالغان ئېكران ئىشلىتىلگەن، 120Hzلىك يېڭىلىنىش چاستوتىسىنى قوللايدۇ.

Redmi K40 Proغا 108+8+5+2 مىليون پىكسېللىق تۆت دانە كامېرا ئورنىتىلغان، ئالدىدا 30 مىليون پىكسېللىق كامېرا بار، 33W تېزلىكتە زەرەتلىنىدۇ.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟


分享到: