新闻详情

ئەڭ قەدىمكى DNA بارلىققا كەلدى!

发表时间:2021-02-22 17:19作者:ئەلكۈيى来源:سىنا تورى

640-24.gif640-59.png


DNA ئالغىلى بولىدىغان ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت رېكورتى قانچىلىك؟ ئەڭ يېڭى رېكورت شۇكى، 1 مىليون 650 مىڭ يىل بولۇپ، غەربىي سىبىرىيەدىكى مەڭگۈلۈك توڭ توپا ئىچىدىكى مامونت پىلىنىڭ چىشىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى DNAنىڭ ساقلىنىش خاتىرىسى كانادانىڭ يۈكون (Yukon) رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن 560 مىڭ يىلدىن 780 مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئات پۇتى سۆڭىكىدىن ئېلىنغان.

شۇ يەر ۋاقتى 17-فېۋرال، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا بۇ ئەڭ يېڭى بايقاش ئېلان قىلىندى. ئالىملار 1970- يىللىرى قېزىپ چىققان بىر گۇرۇپپا مامونت پىلىنىڭ چىش ئەۋرىشكىسىدىن ئۇلارنىڭ DNAسىنى ئايرىپ چىققان ھەمدە بىر خىل يېڭى مامونت پىلى تۈرىنى بايقىغان. بۇ تۈرنىڭ ئەۋلادلىرى ئامېرىكا قىتئەسىدە بىر مەھەل كۆپىيىپ زورايغان.

جانلىقلار تېنى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى خىروموسوم پارچىلىنىپ پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، خىروموسوم قىسقىرايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا DNA زەنجىرى شۇ قەدەر كىچىكلەيدۇكى، نۇرغۇنلىغان ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

ستوكھولم تەبىئەت تارىخى مۇزېيىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات ئىرسىيەتشۇناسى لوۋ دالېن (Love Dalén) 2007-يىلى تۇنجى قېتىم ناھايىتى چوڭ مامونت پىلىنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرىنى ئۇچراتقاندىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلگەن.

بۇ مامونت پىلىنىڭ سۆڭەكلىرىنى رۇسىيەلىك پالېئونتولوگ ئاندرى شېل (Andrei Schell) قازغان.

دالېن ئەۋرىشكىدىن ئېلىنغان DNA ئۇچۇرىنىڭ ھەقىقىي مامونت پىلى ياكى باشقا تۈردىكى مامونت پىلىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىنى ئاشكارىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. لېكىن ئۇ ئىلگىرى بۇ ئويىدىن ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەس ئىدى. چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توڭ تۇپراق قاتلىمىدىن بايقالغان ياشىغان دەۋرى يېقىنراق بولغان مامونت پىلىنىڭ قالدۇقلىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىغان.

دالېن مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراقتا بايقالغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى نورمال خىزمەت قىلالىشى ناتايىنلىقىنى، نۇرغۇن DNA بۆلەكلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھېچقانداق رولىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.

شېل قازغان مامونت پىلى ئېزىق چىشىنىڭ ئىككىلىسىى بىر مىليون يىل ئىلگىرىكى چۆكۈندى ماددىلار ئارىسىدىن يىغىۋېلىنغان بولۇپ، تەركىبىدىكى DNA ناھايىتى ئاز. دالېننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەۋرىشكىلەرنىڭ ۋاقتى بۇنچە ئۇزۇن بولمىغان بولسا، بەلكىم ئۇ بۇ ئەۋرىشكىلەردىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن ئىكەن.

لېكىن، تەرتىپ ئۆلچەش تېخنىكىسى ۋە بىيوئۇچۇرشۇناسلىقنىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەن، ئۇنىڭ كوللېكتىپى ئامال قىلىپ ئەڭ قەدىمكى ئەۋرىشكىدىن 49 مىليون ئىشقار رادىكالى جۈپى ئۇچۇرىغا ئېرىشكەن. بۇ ئەۋرىشكە كرېستوۋكا( Krestovka )دەپ ئاتىلىدىغان كەنت ئەتراپىدا بولغاچقا،« كرېستوۋكا »دەپ نام بېرىلگەن. يەنە بىر تال چىشتىن 884 مىليون دانە ئىشقار رادىكالى جۈپى ئايرىۋېلىنىپ،«ئادىيچا»(Adycha) دەپ نام بېرىلگەن.

DNA نى ئانالىز قىلىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، كرېستوۋكا ئەۋرىشكىسى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 1 مىليون 650 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا توغرا كىلىدىكەن. ئادىيچا ئەۋرىشكىسىنىڭ ئۆمرى 1 مىليون 300 مىڭ يىل ئەتىراپىدا ئىكەن. ئۈچىنچى نۇسخىسى 600 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە چۇكوچىيې ( Chukochya )دەپ ئاتالغان مامونت پىلىنىڭ چىشى ئىكەن.

شەكىل جەھەتتىن قارىغاندا، ئىككى ئەڭ قەدىمىي چىش قارىماققا يايلاق مامونت پىلىغا تەۋە بولۇپ، ياۋروپا تۈرى ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئۇلارنى ئۇزۇن يۇڭلۇق مامونت پىلى ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى كولومبىيە مامونت پىلىدىن بۇرۇن ياشىغان دەپ قارىغان.

لېكىن ئۇلارنىڭ گېن گۇرۇپپىسى تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ بەردى. ئادىيچا ئەۋرىشكىسى ئۇزۇن يۇڭلۇق مامونت پىلىنىڭ دەسلەپكى قانداش تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ چىقتى. لېكىن، كېروستوۋكا ئەۋرىشكىسى روشەنكى ئۇنداق ئەمەس.

دالېننىڭ ئەترىتى كېروستوۋكانىڭ پۈتۈنلەي يېڭى بىر تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. دالېننىڭ بىلدۈرۈشىچە گەرچە كېروستوۋكا ئەۋرىشكىسى رۇسىيەدىن قىزىۋېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قان سېستىمىسنىڭ بىر قىسىم باشقا تۈرلەر بىلەن شالغۇتلاشقانلىقى ھەمدە شىمالىي ئامېرىكىدىكى مامونت پىلى تۈرىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن.

تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بايقىشىچە، شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان كولومبىيەدىكى مامونت پىلىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ يېرىمى كېروستوۋكا مامونت پىلى قان سىستېمىسى، قالغان يېرىمى ئۇزۇن يۇڭلۇق مامونت پىلى ئىكەن. دالېننىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ ئىككى قان سىستېمىسى 420 مىڭ يىل ئىلگىرى ئارىلىشىپ كەتكەن.

«يېڭى تۈرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى شالغۇتلىشىش ئارقىلىق بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بىر ئەجداد تۈرنىڭ بۆلۈنۈشىدىن شەكىللەنمەيدۇ» دېگەن پىكىر ئېقىمى تەدرىجىي تەرەققىيات بىيولوگىيەسىدە بارغانسېرى كەڭ تارقالماقتا.

ئورلاندو بۇنىڭ قەدىمكى «DNA شالغۇتلىشىش»نىڭ تۇنجى ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھازىر ئۇنىڭ ئەتىرتى ئىنتايىن قەدىمىي ئىپار كالا، قانداغاي ۋە چاشقاننىڭ مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراق ئەۋرىشكىسىنى تەتقىق قىلماقتا.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ،كۆپ يىللىق توڭ تۇپراق قاتلىمىدا نەچچە مىليون يىل ئىلگىرىكى قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرىنى بايقاش پۇرسىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن.

لېكىن، دالېننىڭ قارىشىچە، مۇۋاپىق مۇھىت مەسىلەن، ئۆڭكۈر قاتارلىقلاردا ئۇزۇن يىللىق ئەۋرىشكە پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئىسپانىيە ئۆڭكۈرىدىن قىزىۋېلىنغان نېئاندېرتال ئادىمىنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرىنىڭ ۋاقتىنى 43 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ ھازىرغىچە بايقالغان قەدىمكى ئىنسانلار تۇغقىنىنىڭ ئەڭ قەدىمكى DNAسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

قەدىمكى DNAنىڭ ئەڭ ئۇزۇن يىل چەكلىمىسىگە قارىتا دالېن 2 مىلىيون 600 مىڭ يىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. چۈنكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن يەرشارى كېلىماتى زىيادە ئىللىق ئىكەن.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: