新闻详情

ماسك يەنە ئەڭ چوڭ بايغا ئايلاندى

发表时间:2021-02-22 17:22作者:ئەلكۈيى来源:سىنا تورى

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 19-فېۋرال خەۋىرى، تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك قايتىدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلانغان بولۇپ، بايلىقى 199 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن؛ يېقىندا SpaceX شىركىتىنىڭ مۆلچەر قىممىتى ۋە تېسلا شىركىتىنىڭ پاي باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرلىشىشى ئېلون ماسكىنى يەنە دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىگە ئايلاندۇرغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ماسك بايرىقى ئاستىدىكى SpaceX يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تاماملاپ، قىزىل شەمشاد كاپىتالى (Sequoia Capital) باشچىلىقىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلاردىن 850 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ توپلىغان، SpaceXنىڭ بۇ قېتىملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى مۆلچەر قىممىتى 74 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 8-ئايدىكىدىن %60 ئاشقان، شۇنداقلا ماسكنىڭ ساپ مۈلكىمۇ تەخمىنەن 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: