新闻详情

مىسسى ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان توپچىغا ئايلاندى

发表时间:2021-02-22 17:24作者:ئەلكۈيى来源:دوچيۇدى

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:00دىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 24-ئايلانمىسىدا، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە كادىز كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بولۇپ، كوماندىنىڭ تۆھپىكار توپچىسى شاۋىدىن ئېشىپ بارسېلونا تارىخىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان توپچىغا ئايلاندى.

مېسسى 2004-يىلى بارسېلونادىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان، بۇ مەيدان مۇسابىقە بولسا مېسسىنىڭ بارسېلوناغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 506-مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.

مېسسى بارسېلوناغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 506 مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە جەمئىي 460 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، كوماندىغا ۋاكالىتەن 10 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: