新闻详情

ئامەتلىك نۇ ئەپەندى 50000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-02-23 12:10作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كالا يىلى يېتىپ كېلىپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدۇق، ھاۋا گەرچە قاتتىق سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن لاتارىيەچىلەرنىڭ مۇكاپاتقا بولغان قىزغىنلىقىنى تۇسۇپ قالالمىدى، تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر قايسى لاتارىيە پونكىتلىرىدا، لاتارىيەچىلەر كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق ۋە بەختتىن قانغۇچە بەھرىمەن بولدى. 1 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، تۇرپان شەھىرى 65210119 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى،لاتارىيەچى نۇ ئەپەندى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «قىممەتلىك ئالتۇن» ئۇيۇنىدا 50000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

نۇر ئەپەندى ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش كەچۈرمىشىنى تىلغا ئېلىپ، قىسغىنە سۆزلىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ لاتارىيە ئوينىشىنىڭ ئۆزى مېھىر-شەپقەت تەقدىم قىلىش، خۇشاللىق ئىزدەش، ئۆزىنى خۇشال قىلىش ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىنىڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 1 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، نۇ ئەپەندى 65210119 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ئون دانە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «قىممەتلىك ئالتۇن» لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى. ئۇ ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توختىماي:« چىققىن، چىققىن، مۇكاپات چىققىن ...»-دەيتتى، ئالدىنقى بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپات چىقمىدى، ئارقىدىن بىر نەچچە كىچىك مۇكاپاتلار چىقتى، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كىيىن، «مۇكاپات نومۇرى» نىڭ «14، 16» ئىكەنلىكىنى، « مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قۇر سانىدا «16» بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئاستىغا 50000 يۈەن دەپ يېزىلغانلىقىنى بايقىدى.

ـــ«ماڭا راستىنلا مۇكاپات چىقتى!»ــ دېدى نۇر ئەپەندى ناھايىتى ھاياجان بۇلۇپ. ئۇ يەنە ئويناش ئۇسۇلىدىكى قائىدىلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتى، توغرا، ھەقىقەتەن 50000 يۈەن چىققان ئىدى! ئەتراپتىكى لاتارىيەچىلەر نۇ ئەپەندىگە 50000 يۈەن مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تىنچ   پونكىت بىردىنلا قىزىپ كەتتى، سىرتتىكى سوغۇق ھاۋادىمۇ قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇراتتى، ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ، كۈلكە ـ چاقچاق سادالىرى بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پەسىيىپ تۇراتتى، لاتارىيەچىلەرنىڭ ھەممىسى خۇشاللىققا چۆمدى، ۋە بەس ـ بەستە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى...

1.png

分享到: