新闻详情

ئامەتلىك دوڭ ئەپەندى 1000000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-02-25 11:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمنىڭ يېقىندا ئەڭ كۆپ دەيدىغان گېپى شۇكى، 2020 ـ يىلى ھەقىقىي چاشقان يىلى ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى، 2021 ـ يىلى كالا يىلىدا ئالامچە ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىدۇ، ھەقىقەتەن كالا يىلى كىرىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا زو ئۆزگۈرۈش يۈر بەردى، مەن ھەقىقەتەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم!»-دېدى دۇڭ ئەپەندى، 2 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى ئەتىگەندە، لاتارىيەچى دۇڭ ئەپەندى ئايالى ۋە قىزىنى ئېلىپ شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ، «ئالتۇن دەۋر» دىكى 1 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى.

«ئالتۇن دەۋر» 2020 ـ يىلى 11 ـ ئايدا شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغان پاراۋانلىق لاتارىيەسى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىنىڭ يېڭى تۈرى بولۇپ، بۇ خىل ئۇيۇندا مىليون يۈەن مۇكاپات بار بۇلۇپلا قالماي، بۇ يېڭى تۈردە يەنە «BMW X3» ماشىنا مۇكاپاتى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. ئىزچىل تۈردە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» قا ھېرىسمەن دۇڭ ئەپەندى بوش ۋاقىتلىرىدا ھەمىشە دوستلار بىلەن بىرلىكتە لاتارىيە بېلىتى سېتىش پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەينى سىناپ كۆرەتتى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« ئادەم كۆپ بولسا قىزىيدۇ، ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىش بىلەن بىللە، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزگىلى بۇلىدۇ، قىزىقىش ۋە پاراۋانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە تەسىر يەتكۈزمەي، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققاندەك ئىش بولىدۇ!»-دېدى.

2- ئاينىڭ 4- كۈنى كىچىك چاغان كېچىسى، دۇڭ ئەپەندى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ تاماق يېدى، تاماقتىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى كوچىدا بەخىرامان مېڭىپ قويۇق چاغان پۇرىقىنى ھېس قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سەنشىخاڭزىدىكى بىر پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە، ئايالى دۇڭ ئەپەندى قىزىقىپ كۆرىدىغان لاتارىيەنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى. پونكىتتىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى دۇڭ ئەپەندىنىڭ خوتۇنىغا كۆزنى قاماشتۇراتتى. ـــ«كالا يىلىدا چۇقۇم كالا بېلەتلىرىنى قىرىش كېرەك!»، دۇڭ ئەپەندى پىششىق ھالدا 20 دانە «شىنچۇ كالىسى» لاتارىيە بېلىتىنى تاللىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال ـ خۇرام لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىدى، تەلەيلىك دۇڭ ئەپەندى 500 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان ئۇ يەنە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالماقچى بولدى، مال ساتقۇچى خادىم «شىنچۇ كالىسى» نىڭ پۈتۈنلەي سېتىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى، پۇخادىن چىقمىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى مىليون يۈەن مۇكاپات چىقدىغان «ئالتۇن دەۋر» غا كۆز تاشلىدى.

بىز پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىچىدە بىر نەچچە لاتارىيە بېلىتىنى قىردۇق، بۇ 1 مىليون يۈەن مۇكاپات دەل پونكت ئىچىدە قىرىپ چىققان ئىدۇق»- دېدى مۇكاپات چىقىش جەريانىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى، كىچىك مۇكاپاتقا قانائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «مېنىڭ نومۇرۇم» ۋە «مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاشلا «35» نىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇكاپات سوممىسى «1000000» دەپ كۆردى، ھاياجانلىنىپ كەتتى، مۇكاپات بېلىتىنى قايتا-قايتا ئېلىپ نەچچە قېتىم كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ راستتىنلا چۈش كۆرمىگەنلىكىنى   جەزملەشتۈردى.  

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن خاتىرجەم بولدى. مەن ئىزچىل لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنىڭ پاراۋانلىقىنى قوللىغانلىق دەپ ئويلايمەن، ئەمدى مەن داۋاملىق لاتارىيە سېتىۋېلىپ پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايمەن. دۇڭ ئەپەندى يەنە بۇ پۇلنىڭ يېڭى يىلنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈشكە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ كۆپ ئامەتلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

3.png

分享到: