新闻详情

لاتارىيەچىلەر كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى

发表时间:2021-02-26 11:31作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«مېنىڭ قىزغىنلىقىم خۇددى بىر ئوت، پۈتۈن قۇملۇقنى كۆيدىرىدۇ... »

1.png

كالا يىلىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، سانجى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچىلەر خۇددى قىشتىكى ئوت يالقۇنقا ئوخشاپ قالدى. ئۇلارنىڭ لاتارىيەگە بولغان قىزغىنلىقى ئەۋجىگە چىقتى. 2- ئاينىڭ 6- كۈنى مەلۇم لاتارىيەچىنىڭ «ئالتۇن دەۋر» دە BMW X3 مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالدى، ئارقىدىنلا 2- ئاينىڭ 9- كۈنى يەنە مەلۇم لاتارىيەچىنىڭ «ئاددىي قەھرىمان» دا 200000 يۈەنلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالدى.

2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسى 65230285 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى لۇ چاۋشىڭ ئۈندىدار توپىدا مۇنداق بىر خەۋەرنى تارقاتتى:«بىزنىڭ بۇ يەردىن BMW ئاپتوموبىل مۇكاپاتى چىقتى!»، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە خۇددى قاناتلانغاندەك گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچىلەر ئارىسىدا تارقالدى.

2.png

2- ئاينىڭ 8- كۈنى ئەتىگەندە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، كاتتا مۇكاپات BMW X3 ئاپتوموبىلىدىن بىرنى ئالدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى بىر جۈپ ياش ئەر ـ خوتۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى كىچىك بەخت، كىچىك ئۈمىد ئىدى. يىگىت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:« "ئىزچىل "ئالتۇن دەۋر" لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتىمىز، تەلىيىمىزگە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدۇق، ئامەت   كەلگەن بىر قاتار لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، قىرىپ 9 ـ پارچىسىدىن كاتتا مۇكاپات چىقتى.»-دېدى.

3.png

كالا يېلىدىكى كاتتا ئامەت دېگەن شۇ! 2021 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى خۇش خەۋەر يېتىپ كەلدى، گۇچۇڭ ناھىيەسى 65230130 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا «ئاددىي قەھرىمان» 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى 200000 يۈەن بولدى. بۇ تەلەيلىك لاتارىيەچى ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىزچىل ئىشەنمەي، مال ساتقۇچىنى قايتا-قايتا سېلىشتۇرغۇزدى ھەمدە:« خۇددى چۈش كۆرگەندەكلا بۇلىۋاتىمەن، قايتا بىر قاراپ باققان بولسىڭىز، مەن راستتىنلا مۇكاپاتقا ئېرىشتىممۇ؟»-دېدى، مال ساتقۇچىنىڭ ئېنىق جاۋابىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ ئاندىن ئىشىنىپ، دەرھال مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىگە قاراپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

4.png

نۆۋەتتە،"ئالتۇن دەۋر" نىڭ « BMW X3 بىلەن سىزنى ئالتۇن دەۋىرگە باشلاي» تېمىسىدىكى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىدە يەنە مىليونلىغان كاتتا مۇكاپات ۋە كۆپلىگەن BMW X3 ئاپتوموبىل مۇكاپاتلىرى ئامەتلىك لاتارىيەچىلەرنى كۈتمەكتە.

بۇ يەردە تەھرىر يەنە لاتارىيەچى دوستلارغا 200 مىليون يۈەنلىك كالا يىلى مۆچەل لاتارىيە بېلىتى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. پائالىيەت ۋاقتى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 0 دىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 17 گىچە (سېتىش سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي مۇكاپات نەخلەشتۈرۈش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ)، پائالىيەت مەزگىلىدە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى قىممىتى 10 يۈەن، 20 يۈەنلىك «شىنچۇ» مۆچەل يۈرۈشلۈك لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ ھەمدە يەككە لاتارىيە بېلىتىدە 50 يۈەن، 250 مىڭ يۈەن ۋە 1 مىليون يۈەنلىك ئۈچ خىل مۇكاپات چىقسا ھەربىر مۇكاپات سوممىسىغا مۇناسىپ مۇكاپات دەرىجىسىدىكى مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 50 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە 50 يۈەن مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ، 250 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە 250 مىڭ يۈەن مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ،   1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە 1 مىليون يۈەن مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ.

分享到: