新闻详情

شادلىق 8 ئۇيۇنى لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-01 16:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى


5.png

2-ئاي كىرگەندىن بۇيان، پاراۋانلىقق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنىدا بىر خىل دو تىكىش ئۇسۇلى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ، تېز سۈرئەتتە شىنجاڭنىڭ لاتارىيە بازىرىغا تارقالدى، ئۇ بولسىمۇ «بەش تال تاللاپ، تۆت تال سۆرەش» (دو تىكىشتە بەش خىل ئويناش ئۇسۇلىدا، تۆت تال دەنما ۋە 76 توما تاللاش) تىن ئىبارەت. 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 2 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىگىچە، قىسقىغىنا سەككىز كۈن ئىچىدە، شىنجاڭ لاتارىيە بازىرىدا جەمئىي 52 پارچە لاتارىيە بېلىتى ئىچىدىن «بەش تال تاللاپ، تۆت تال سۆرەش» كاتتا مۇكاپاتى چىقتى، ھەر بىر لاتارىيە بېلىتىدە 16 دو ««بەشتىن بەشنى تاللاش»، 60 دو «ئالتىدىن ئالتىنى تاللاش» مۇكاپاتى چىقتى، مۇكاپات جەمئىي سوممىسى 17260 يۈەن بولدى. بىر دو تىكىش ئۇسۇلى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز تارقىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 11 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى لاتارىيەچىلەرگە بەخت ئاتا قىلدى، بۇ بىزنىڭ شىنجاڭدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسەتكە تولغان، ئۆگىنىشكە ماھىر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، قارىغاندا ئەقىللىق كىشلەر بىر يەرگە كەلسە ھامان نۇر چاقنىتالايدىكەن.

تەھرىرنىڭ قارىشىچە،«بەش تال تاللاپ، تۆت تال سۆرەش» نىڭ قارشى ئېلىنىشىدا، بۇنىڭدا ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ سەۋەب بار. بىرىنچى، دو تىكىش سوممىسى مۇۋاپىق بولۇش «بەش تال تاللاپ، تۆت تال سۆرەش» نى بىلەن « بەشنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە ئوينىغاندا، يەككە دو تىكىش سوممىسى 152 يۈەن بولىدۇ، بىر قەدەر مۇۋاپىق، يالغۇز كىشىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؛ ئىككىنچى، ئويناش بىر قەدەر ئاسان «چۈەن تو» سەۋەبىدىن، شۇڭا «تو ما» نى تاللاشنى ئويلاشمىساقمۇ بولىدۇ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن «دەنما» نى تاللىساقلا بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، مۇكاپات سوممىسى ئەمەلىي، پەقەت ئۈچ تال «دەنما» بولسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، مۇكاپات سوممىسى 534 يۈەن، تۆت تال «دەنما» چىقسا مۇكاپات سوممىسى 17260 يۈەنگە يېتىدۇ.

6.png

(مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتى)

        ئەمەلىيەتتە، «بەشتىن بەشنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلىلا ئەمەس، «شادلىق 8» ئويۇنىدىكى «2 نى تاللاش» تىن «10 نى تاللاش» قىچە بولغان ئويناش ئۇسۇلىنىڭ ھەممىسىدە «دەنما چۈەن تو 胆码全拖» بويىچە دو تىكىشكە بولىدۇ، «2 نى تاللاش» ، «3 نى تاللاش» ، «4 نى تاللاش» ئويۇنىنىڭ مۇكاپات سوممىسى بىر قەدەر كىچىك بولغاچقا، بىز «5 نى تاللاش» تىن«10 نى تاللاش» قىچە بولغان ئويناش ئۇسۇلىنى نۇقتىلىق چۈشىنىپ باقايلى، تۆۋەندىكى رەسىمنى كۈرەيلى:

7.png

يۇقىرىقى رەسىمدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، «دەنما چۈەن تو 胆码全拖» ئارقىلىق «شادلىق 8» ئويۇنىنى ئوينىغاندا، «دەنما» قانچە كۆپ بولسا، مۇكاپات سوممىسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، «توققۇزنى تاللاش» ، «ئوننى تاللاش» ئۇسۇلىنىڭ مۇكاپات سوممىسى ھەتتا لېتوۋ ئويۇنىمۇ يېتەلمەيدىغان دەرىجىدە يۇقىرى بۇلىشى مۇمكىن، لېكىن مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئويلاشقاندا، يەنىلا «بەشنى تاللاش» ،   ئالتىنى تاللاش» ئۇسۇلىدا «دەنما چۈەن تو 胆码全拖» نى قوللىنىش تېخىمۇ ئاقىلانىلىك تاللاش.


分享到: