新闻详情

تىجارەت باشلاپ تۈنجى كۈنى بۇ يەردە كاتتا مۇكاپات چىقتى

发表时间:2021-03-01 10:26作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

8.png

        2 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى چاغاندىن كېيىن سېتىشنى باشلىغان تۇنجى كۈن، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى بۇ ھاۋارايىغا ئوخشاش ئاستا ـ ئاستا ئىللىماستىن، بەلكى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، تېز سۈرئەتتە ئەۋج ئالدى، بولۇپمۇ لاتارىيە بازىرىدا يېڭى قىممەت يارىتىۋاتقان «شادلىق 8» ئۇيۇنى كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ تېخىمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

شۇ كۈنى، يەنى «شادلىق 8» ئويۇنى 2021040-قارار مۇكاپات ئېچىلغان بۇلۇپ، شىنجاڭ رايونىدا سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 2338076 يۈەنگە يېتىپ، بۇ ئويۇننىڭ شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيانقى بىر كۈنلۈك سېتىلىش مىقدارىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى. چاغاندىن بۇرۇنقى 34 قارار «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش سوممىسى 1610000 يۈەن بولۇپ، بۇ قېتىم بىراقلا 2338076 يۈەنگە يەتتى. بۇ ئەقىل ـ پاراسەتكە تولغان شىنجاڭ لاتارىيەچىلىرىنىڭ «شادلىق 8» ئويۇنىغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

كورلا شەھىرى 65280238 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى، ئاتۇش شەھىرى 65302107 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا شۇ كۈنى كاتتا مۇكاپات چىقتى، ھەر قايسىسىدىن بىر دو «سەككىزدىن سەككىزنى تاللاش» مۇكاپاتى چىقتى، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 50000 يۈەن بولدى. توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، بۇ ئىككى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى «شادلىق 8» ئويۇنىنى سېتىشنى ئەمدىلا باشلىغان بولۇپ، ھەقىقەتەن «بازار ئېچىلدى» !

65280238 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى مۇنداق دېدى:«بۇ مېنىڭ "شادلىق 8" ئويۇنىنى سېتىشىمنىڭ تۇنجى كۈنى، ئورنىمىزدىن "سەككىزدىن سەككىزنى تاللاش" 50000 يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىقتى! مەن ئورنىمىزدىن بۇنداق كاتتا مۇكاپاتنىڭ چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم! لاتارىيە پونكىتىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر «شادلىق 8» ئويۇنىغا ناھايىتى قىزىقىدۇ، ئىشىنىمەنكى، بۇ ئويۇن چوقۇم بارغانسېرى قىزىپ كېتىدۇ!»-دېدى.

65280238 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تۇنجى كۈنى كاتتا مۇكاپات چىقتى، بۇ مەن ۋە پونكىتتىكى لاتارىيەچىلەر ئۈچۈن زور ئىلھام بولدى، مېنىڭ لاتارىيەچى دوستلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا ئىشەنچىم بار،لاتارىيىەچىلەرنىڭ «شادلىق 8» ئويۇنى ئويناش ئارقىلىق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

9.png

分享到: