新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيە «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» سىزگە بەخت ئېلىپ كەلدى

发表时间:2021-03-02 17:04作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

چاڭشوۋفۇ، فۇيۈفۇ، كاڭنىڭفۇ، مېيدېفۇ، خېخېفۇ، زىشياۋفۇ قاتارلىقلار (长寿福、富裕福、康宁福、美德福、和合福、子孝福) «ئالتە بەخت» ھېسابلىنىدۇ. 3- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» ئاۋدى A4L ئاپتوموبىلى بىلەن لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيتى ئېلىپ بارىدۇ. بەخت-سائادەت ۋە خۇشاللىقنى ئېلىپ، تولۇپ تاشقان بەخت ئىچىدە سىز بىلەن ئۇچرىشىدۇ!

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى قوللاش ۋە غەمخورلۇق قىلىشىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، 2021 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە «ئالتە بەخت خۇشاللىقى، ئاۋدى بىلەن خۇشاللىق قۇشۇش» تېمىسىدا لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

«ئالتە بەخت خۇشاللىقى» بەختكە تولغان، 1-دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەنگە يىتىدۇ

«ئالتە بەخت خۇشاللىقى» دا قىزىل رەڭنى ئاساس قىلىنىپ، كەيپىيات خۇشاللىق تۈسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ ئالتە خىل ئۇسلۇبتىكى «بەخت» دېگەن خەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا زور بىر «ئالتە» دېگەن خەت بار بولۇپ، «ئالتە بەخت» تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. چاڭشوۋ، فۇيۈ، كاڭنىڭ، مېيدې، خېخې، زىشياۋ قاتارلىقلار (长寿、富裕、康宁、美德、和合、子孝) قاتارلىقلار بار. «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» نىڭ يەككە بىلەت قىممىتى 20 يۈەن، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى %65 بولۇپ، جەمئىي 11 مۇكاپات دەرىجىسى بار، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 1000000 يۈەنگە يېتىدۇ.

«ئالتە بەخت خۇشاللىقى» نى ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپ، لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كىيىن، ئەگەر خالىغان بىر «مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن «مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ «مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ ئەگەر «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» نىڭ سۈرەت بەلگىسى چىقسا، 100 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاقىتتا نەخلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ.

10.png

لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيتىنىڭ سالمىقى چوڭ، ئاۋدى A4L سەمىمىيىتى بىلەن سىزنى كۈتىۋاتىدۇ

«ئالتە بەخت خۇشاللىقى» مىليون   يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ئەڭ چوڭ مۇكاپات بولسىمۇ، قۇشۇپ بېرىلىدىغان كاتتا مۇكاپاتتىن قىلچە قېلىشمايدۇ! مۇكاپات بۇيۇمى بولسا ئاۋدى A4L مودا نەپىس تىپلىق ئاپتوموبىل بولۇپ، جەمئىي 25 دانە ئاپتوموبىل تەلەيلىك لاتارىيەچىنىڭ   كۈتۈپ تۇرىدۇ! بۇ قېتىمقى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى مەزگىلىدە، لاتارىيەچىلەر پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقانداق بىر پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش نۇقتىسىدىن قىممىتى 20 يۈەنلىك «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» ئويۇن بېلىتى سېتىۋالسا بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشالايدۇ. پەقەت «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» ئويۇنى   ئويناش ئۇسۇلى رايونىدا، «ماشىنا» سۈرەت بەلگىسى چىقسىلا بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشلەيدۇ.

11.png

ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ قېتىمقى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىدىكى « ئاپتوموبىل» مۇكاپاتى «ئالاھىدە مۇكاپات بەلگىسى» بولغاچقا، پەقەت «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» ئادەتتىكى مۇكاپات چىقمىغان لاتارىيە بېلەتلىرىدىلا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، لاتارىيەچى دوستلار «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» لاتارىيەسىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايقىغان تەقدىردىمۇ، لاتارىيە بېلىتىنى تاشلىۋېتىشكە ئالدىرىماي، لاتارىيەنى قايتا سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، «ئالاھىدە مۇكاپات بەلگىسى» چىقتىمۇ يوق تەكشۈرۈپ بېقىڭ، بەلكىم سىز «ئاۋدى A4L» غا ئېرىشىكەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن.

12.png

ئامەت كەلگەندە قولدىن بېرىپ قويماڭ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرىشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئەستە چىڭ تۇتۇڭ

بۇ قېتىمقى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خۇشاللىقلار كۆپ، مۇكاپاتمۇ كۆپ، خۇشاللىقمۇ ھەم ناھايتى كۆپ، ئەگەر سىز تەلىيىڭىزگە يارىشا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشسىڭىز، چوقۇم ۋاقتىدا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈڭ، ۋە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدىغان ئىشلارنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ.

ئەگەر سىز «ئاۋدى A4L» ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشسىڭىز، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە ئالدىن ئىلتىماس قىلىشىڭىز كېرەك (ئىلتىماس قىلىش تېلېفونى: 09913075634) ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە بېرىپ تىزىملىتىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك. بۇ قېتىمقى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيىنى نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى باشلىنىپ تاكى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر بولغان 60 كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ مۇكاپات نەقلەشتۈرىلمىسە مۇكاپاتتىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ قائىدىسىنى ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزىگە تەۋە.

分享到: