新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى لى ئەپەندى 6000000 يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-02 11:48作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

نومۇر ساقلاش، ئىختىيارىي تاللاش ۋە ئۆزى تاللاش، بۇ لاتارىيە بېلىتىدە دو تىككەندە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قانچە خىل ئۇسۇل. نومۇر ساقلاش، ئاددىي ھەم قولايلىق بولۇپ، چوڭ مۇكاپاتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە بولىدۇ؛ ئىختىيارىي دو تىكىش، ئىشنى ئاز قىلىدۇ، كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ، ئاسان قۇبۇل قىلغىلى بۇلىدۇ؛ ئۆزى نومۇر تاللاشتا، جەريانغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، خۇشال بولۇش ئاساس قىلىنىدۇ. لېكىن بۈگۈن بىز دېمەكچى بولغان بۇ قوش رەڭلىك توپتا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئامەتلىك لاتارىيەچى ناھايىتى مەنىلىك بىر كىشى، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «مەقسەتلىك ھالدا گۈل تىكسە گۈل ئېچىلمايدۇ، تال تىكىپ قويسا ئويلىمىغان يەردىن تال چىۋىقمۇ سايە تاشلايدۇ». ئۇ ئون يىل جاپالىق ساقلىغان نومۇردىن مۇكاپات چىقماي خالىغانچە تاللىغان نومۇردىن 6000000 يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.

2- ئاينىڭ 25- كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى قوش رەڭلىك توپ 2021019- قارارلىق مۇكاپات ئېچىلدى، سانجى شەھىرى 65230205 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى لى ئەپەندى خۇشاللىق بىلەن 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 6344519 يۈەن بولدى. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن، لى ئەپەندى ئايالى ۋە قىزى بىلەن بىللە شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش زالىدا پەيدا بولۇپ، مۇكاپات ئالغان بەختلىك مىنۇتلارنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ھېس قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، لى ئەپەندى سانجى شەھىرى 65230205 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كونا مەستانىسى دېيىشكە بولىدىكەن، نەچچە ئون يىللىق قوش رەڭلىك توپ سېتىۋېلىش تەجىربىسى بار ئىكەن. بۇ قېتىمقى لاتارىيەنىڭ نەتىجىسى ئۇنى سەل ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، ھەيران قالدۇردى. مۇكاپات نەخلەشتۈرىدىغان ۋاقىتتا، لى ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:«مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەن ئىلگىرى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن ئۈچ نومۇرنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېلىپ، توپتوغرا ئون يىل ساقلىغان بولساممۇ، لېكىن ئىزچىل چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدىم. مەن تۈنۈگۈن 65230205 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئۆزۈم ساقلاپ كىلىۋاتقان ھېلىقى ئۈچ خىل رەڭلىك توپ نومۇرىغا دو تىككەن، ئارقىدىن يانچۇقۇمدا دەل تۆت يۈەنلىك پارچە پۇلنىڭ قالغانلىقىنى بايقىدىم، شۇنىڭ بىلەن يەنە ئىككى خىل رەڭلىك توپ نومۇرىنى تاللىدىم. ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى كەچتە كاتتا مۇكاپات چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دو ئاپتوماتىك تاللىغان نومۇردا 1-دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى»-دېدى لى ئەپەندى خۇشال بولۇپ كۈلۈپ كەتتى ۋە يېنىدىكى خوتۇنى ۋە قىزىغا:«ئىلگىرى سىلەر مېنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدۇ لىكىن مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىدى دەپ ئاغرىنغان ئىدىڭلار، ھازىر لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنسىلەر؟ پەقەت سىناپ باققاندىلا، ئاندىن پۇرسەت بولىدۇ!»-دېدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لى ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن:«مۇكاپات پۇلىنى مەن ساقلاپ قويۇپ، قانداق ئىشلىتىشنى ياخشى پىلانلايمەن، لاتارىيە بېلىتىنى چوقۇم يەنە داۋاملىق سېتىۋالىمەن، بۇمۇ مېنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشتىكى بىر خىل ئۇسۇلۇم، شۇنداقلا ئاللىقاچان تۇرمۇشۇمدىكى بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى»-دېدى.

13.png

分享到: