新闻详情

خەلقئارا مىلان 0:1 ئاتلانتا

发表时间:2021-03-09 13:10作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png





بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 26-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى مېئاززا توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا ئاتلانتا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە خەلقئارا مىلاندىن لۇكاكۇ يەكمۇيەك ھالەتتە توپ ئۇرالمىدى، ئاتلانتادىن زاپاتانىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە خەلقئارا مىلاندىن سكرىنىيار قالايمىقانچىلىق ئىچىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، لۇكاكۇنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتىكى توپى بۇزۇۋىتىلدى، ئاتلانتادىن مۇرېلنىڭ كىچىك بۇلۇڭدىن تەپكەن توپى توسۇۋېلىندى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا 0:1 نەتىجىدە ئاتلانتانى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى خەلقئارا مىلان ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئاتلانتادىن رومېرونىڭ پاس قايتۇرغاندىكى خەتەرلىك توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، خەلقئارا مىلاندىن لۇكاكۇ يەكمۇيەك ھالەتتە توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، لاۋتارونىڭ تەپكەن قايتقان توپىنىمۇ قاپقىچى تۇتۇۋالدى، ئاتلانتا بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، زاپاتانىڭ يېقىن ئارىلىقتىن ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى چاققانلىق بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ خەلقئارا مىلان ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 53 مىنۇت بولغاندا خەلقئارا مىلان بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارا مىلان بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، سكرىنىيار قالايمىقانچىلىق ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، لۇكاكۇنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتىكى توپى بۇزۇۋىتىلدى، ئاتلانتا ھۇجۇم تەشكىللەپ، گوسېنسنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، زاپاتانىڭ تەپكەن توپىمۇ ئازراقلا قېيىپ كەتتى، ئاتلانتا داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، مۇرېلنىڭ كىچىك بۇلۇڭدىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا 0:1 نەتىجىدە ئاتلانتانى مەغلۇپ قىلىپ، ئالتە نومۇر ئۈستۈنلۈكتە بىرلەشمە رەت تەرتىپىدىكى سەركىلىك ئورنىنى مۇقىملىدى.

030908114849600000013586.jpg

030908114858300000013586.jpg

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: