新闻详情

ھوللىۋودتىكى مەڭگۈلۈك رىۋايەت

发表时间:2021-03-09 15:46作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ

640-24.gif640-59.png




كىشىلىك ھاياتتىكى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار ئىرادىمىزنى تاۋلاپ، ئەڭ مۇكەممەل ئۆزىمىزنى يارىتىشىمىز ئۈچۈندۇر!خۇددى فرانسىيەلىك داڭلىق يازغۇچى مۇپاسسان ئېيتقاندەك: «تۇرمۇش مەڭگۈ بىز ئويلىغاندەك ياخشى بولمايدۇ، لېكىن بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ناچارمۇ بولمايدۇ». ئەگەر بۇ جۈملە ئارقىلىق بىر كىشىنى سۈپەتلەشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا ھەممىمىز بىلىدىغان كىلاسسىك كىنو «زوررو» (佐罗)نىڭ باش رولچىسى ئالەن دېروڭ (Alain Delon) بۇنىڭغا ئەڭ ماس كېلىدۇ.

80 يىللارنىڭ باشلىرىدا «زوررو» ناملىق كىنو ئەينى دەۋردىكى كىشىلەرگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، كىنودىكى «زوررو» قارا ئاتقا مىنىپ، قارا ئۇزۇن چاپاننى كىيگىنىچە، قەددى-قامىتى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ قەلبىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئورۇن ئالغان ئىدى. ئۇ ھەمىشە ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە پەيدا بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان چامباشچىلىق ماھارىتى بىلەن ئاجىزلارغا ياردەم قىلاتتى. «زوررو» ئوبرازىنى ياراتقان ئالەن دېروڭ مۇشۇ كىنوسى بىلەن ئۆزىنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىنىڭ باھارىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئەينى دەۋردىكى ئالەن دېروڭ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان «فرانسىيەدىكى بىرىنچى كېلىشكەن يىگىت» ئىدى. ئەمما كېيىن يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلار ئېكراندىكى رىۋايەت دەپ قارالغان ئالەن دېروڭنىڭ تۇرمۇشىنى خۇددى كىنوغا ئوخشاش رىۋايەتكە ئايلاندۇردى.

ئالەن دېروڭ 1935-يىلى فرانسىيەدىكى بىر كىچىك بازاردا تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى ئۇ تۆت ياش ۋاقتىدا ئاجرىشىپ كەتكەن. ئىلگىرى ئارتىس بولۇش ئارزۇسى بولغان ئالەن دېروڭنىڭ ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. كېيىن ئانىسى قايتىدىن توي قىلدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئالەن دېروڭنىڭ ئۆگەي دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ كەتتى ۋە يالغۇزلۇق تۇيغۇسى قەلبىنى چىرمىۋالدى، ئۇ ئۆزىنى خۇددى بىر بالا باققۇچى تەرىپىدىن بېقىلىۋاتىمەن دەپلا ئويلايتتى. ئۇ ئۈچ قېتىم ئارقا-ئارقىدىن مەكتەپتىن ھەيدەلدى ۋە 17 مەكتەپ ئالماشتى، كۈن بويى بىكار يۈرۈش ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ قالدى.

ئالەن دېروڭ 17 يېشىدا ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق فرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراشۇتچى ئەسكىرى بولغان بولسىمۇ، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن تۈرمىگە سولاندى ۋە ئاخىرىدا ئارمىيەدىن ھەيدەلدى. فرانسىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ كۈتكۈچى، مال ساتقۇچى، يۈك توشۇغۇچى، كوچا سەنئەتكارى بولدى ۋە ھەتتا پارىژ قىزىل چىراغ رايونىدا پاھىشە ئاياللارنىڭ شۇنداقلا باشقا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈپ يۈردى.

بۇ ۋاقىتتىكى ئالەن دېروڭنىڭ قەلبىدىمۇ، خۇددى ئۆزىنىڭ تەڭتۇشلىرىغا ئوخشاش گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى بولۇپ، كىنو چولپىنى بولۇشنى كېچە-كۈندۈر ئويلايتتى. خىيالىدا: «پارىژدىكى چوڭ كوچىدا بىر رېژىسسورنى ئۇچرىتاتتى، رېژىسسور ئالەن دېروڭنى كەلگۈسىدىكى چولپان دەپ قارايتتى ۋە ئۇنى فىلىم ئىشلەشكە تەكلىپ قىلاتتى...».

كىشىلىك تۇرمۇش تاسادىپىيلىققا تولغان بولىدۇ، 1956-يىلى ئالەن دېروڭ كاننېس كىنو بايرىمى مەزگىلىدە، بىر نەچچە دوستى بىلەن ئويۇن كۆرگىلى بارىدۇ ۋە تاسادىپىي پۇرسەتتە بىر فىلىم ئىشلىگۈچى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ كېلىشكەن تاشقى قىياپىتى ۋە ئوچۇق-يورۇقلۇقى شۇنداقلا كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىرلىقى فىلىم ئىشلىگۈچىدە ئىنتايىن ياخشى تەسىر قالدۇرغانلىقتىن، بۇ فىلىم ئىشلىگۈچى ئالەن دېروڭنى رەسمىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئىشلىمەكچى بولغان كىنوسىغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئالەن دېروڭنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا غەمكىنلىكنى ئاتا قىلغاندىن باشقا، باشقىلارنى مەپتۇن قىلىدىغان خاراكتېر يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭغا مول كىشىلىك تۇرمۇش تەجرىبىسىنى ئاتا قىلغان ئىدى.

كېيىنكى كۈنلەردە ئالەن دېروڭ ئارقا-ئارقىدىن بىر قىسىم روللارنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانچە زىلزىلە پەيدا قىلالمىدى، ھەش-پەش دېگۈچە نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما ئالەن دېروڭنىڭ كەسپىي ھاياتى ئىزچىل ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە داۋام ئەتمەكتە ئىدى. ئەمما پۇرسەت بەلكىم دەل شۇ ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن باشلىنىدۇ، كىيىن ئالەن دېروڭ بىر ياش يىگىتنىڭ رولىنى ئالغاندا، ئۆزى ياراتقان ئوبرازنىڭ سوغۇق قان خاراكتېرىنى جانلىق ئىپادىلەپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن رېژىسسورلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ بىزگە تونۇشلۇق بولغان «زوررو» ناملىق كىنودا رول ئېلىشى بىلەن ئالەن دېروڭ كىنوچىلىق ھاياتىنىڭ باھارىنى كۈتۈۋالدى. ئەمما «زوررو» ناملىق كىنودىن كېيىن ئۇنىڭ كىنوچىلىق ھاياتى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، كېيىن ئىشلىگەن بىر قانچە كىنولارمۇ ھېچقانداق ئالقىشقا ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالەن دېروڭمۇ ئامېرىكىدىكى ئىككى يىللىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خوتۇن-بالىلىرىنى ئىلىپ فرانسىيەگە قايتىپ كەلدى.

ھوللىۋود كىنولىرىغا نىسبەتەن ئالەن دېروڭ باھا بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىنو ئىشلىشى سەنئەت ئىستىكى تۈپەيلىدىن بولماستىن، بەلكى كىنونى كوكا كولا ۋە ماكدونالدقا ئوخشاش تاۋار قارىغانلىقىدا». بىر كېلىشكەن يىگىت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالەن دېروڭ دەسلەپتە نىكو ئىسىملىك گېرمانىيەلىك ناخشىچى مودېلنى ياخشى كۆرۈپ قالدى، 1962-يىلى نىكو ئۇنىڭغا بىر بالا تۇغۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئالەن دېروڭ بالىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى.

كېيىنكى كۈنلەردە گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيە كىنو تارىخىدىكى ئەڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئاياللارنىڭ بىرى بولغان رومى شىنايدېر (Romy Schneider) بىلەن مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولدى. مۇھەببەت ھاياتىدىكى تالاش-تارتىشتىن، قىزغىن مۇھەببەتلىشىشكىچە، چاي ئىچۈرۈلگەندىن تارتىپ، بىللە تۇرۇشقىچە، رومى شىنايدېر ئۆزىنىڭ ئېسىل ئوبرازىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەسىھىتىگە پەرۋا قىلماي، پارىژغا بېرىپ ئالەن دېروڭ بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈردى، رومى شىنايدېرنىڭ بۇ ئىشلىرى شۇ دەۋردىكى كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سەتچىلىك خەۋىرىگە ئايلىنىپ قالدى.

ئىزچىل تۈردە ئاياللارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان تالانتلىق قىزلارنىڭ مۇھەببەبىتىگە نائىل بولغان ئالەن دېروڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇھەببىتىنى ساقلاپ قالالمىدى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى سۆيگەن ئايال تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋېتىلدى.

ياشىنىپ قالغان ئالەن دېروڭنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئاغرىق ئازابىنى تارتىپلا قالماي، ھېسسىيات جەھەتتىكى غېرىبلىققا يالغۇز بەرداشلىق بېرىپ ياشاپ كەلدى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى ۋە يېقىن سىردىشى، ئۆزىنىڭ ئامراق ئىتى بولۇپ قالدى. ئۇ دائىم باشقىلارغا ئىتى توغرىسىدا سۆزلەپ بىرىدۇ، ئۇنىڭچە بولغاندا: «ئىت ئىگىسىگە ئىنتايىن سادىق بولۇپ، ئىتنىڭ ئىگىسىگە سادىق بولۇشى، ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس بەلكى ئىتقا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق سەۋەبىدىن بولىدىكەن، شۇڭا بۇ خىل ساددىلىقنى نۇرغۇن ئىنسانلاردا ھازىرلانمىغان پەزىلەت» دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

بەزىلەر ئالەن دېروڭنىڭ لايىق تاللاش ئۆلچىمىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «مەن بىر ئايالنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيمەن، بىراق ئەگەر ئۇ ھايۋانلارنى ياخشى كۆرمىسە، ئارىمىزدا مەڭگۈ ئورتاق تېما بولمايدۇ». ئالەن دېروڭ ھازىرغىچە ئون نەچچە ئىت باققان بولۇپ، ئەگەر ئىتلار ئۆلۈپ كەتسە ئۆزىنىڭ گۈللۈكىگە دەپنە قىلىدىكەن. بۇ ئىتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا مۇساپىرلىقتا يۈرگەن ئىتلار بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن ئالەن دېروڭ تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان.

ئىلگىرى سانسىزلىغان قىز-يىگىتلەر ھەۋەس قىلىدىغان رىۋايەتلىك كىنو چولپىنىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى يالغۇزلۇقى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە قاتتىق ئويغا سالىدۇ.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: