新闻详情

AC مىلان 1:1 مانچېستېر بىرلەشمىسى

发表时间:2021-03-12 11:32作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png





بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر 01:55دە 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە كونا تراففورد توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ساھىبخان مەيداندا AC مىلان بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە AC مىلاندىن لېئاۋ بىلەن كېسسى بىردىن توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئىناۋەتسىز قىلىندى، مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ماگۈيرنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن دىياللو بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا AC مىلاندىن كيار كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا AC مىلان مېھمان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن تەڭلەشتى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى AC مىلان ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا AC مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ، لېئاۋ يەكمۇيەك ھالەتتە كىچىك بۇلۇڭدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر لېئاۋنى ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ مارشالنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 11 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا AC مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ، كېسسى بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر ئۇنى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ماگۈيرنىڭ يېقىن ئارىلىقتىن تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 50 مىنۇت بولغاندا ساھىبخان مەيداندىكى مانچېستېر بىرلەشمىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، برۇنو فېرناندېسنىڭ ئۇزۇن پاس بېرىشى بىلەن دىياللو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، AC مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ، كېسسىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، كرۇنىچنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ئازراقلا ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن جامېس توپ كىرگۈزۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا AC مىلان بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، AC مىلان بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، كيار توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا AC مىلان مېھمان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن تەڭلەشتى.




تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: