新闻详情

بېيجىڭغا كىرىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ

发表时间:2021-03-13 13:50作者:ئەلكۈيى来源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

640-24.gif640-59.png


28-يانۋاردىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى كىشىلەر بېيجىڭغا كېلىشتە ئالاقىدار نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىشتەك ساغلاملىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى پائال توغرا چۈشىنىپ ۋە ئۇلارغا ماسلىشىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن يۆتكىلىش، يىغىلىشنى ئازايتىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، بايراملىق دەم ئېلىشنى خۇشال-خۇرام، بىخەتەر، ساغلام ئۆتكۈزدى. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، پايتەخت بېيجىڭغا كىرىشنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ بېيجىڭغا كىرىشىگە دائىر ساغلاملىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشەشنى قارار قىلدى:

2021-يىلى 16-مارت سائەت نۆلدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى كىشىلەر بېيجىڭغا كېلىشتە بۇرۇنقىدەك يەتتە كۈن ئىچىدىكى نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى مەنپىي چىققانلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ كەلمىسىمۇ بولىدۇ، بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن ئىلگىرىكىدەك 14 كۈن سالامەتلىك تەكشۈرۈشى قىلىش، يەتتە كۈن ۋە 14 كۈن بولغاندا نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى قوللىنىلمايدۇ، ساغلاملىق كودى يېشىل رەڭدە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولغان ئەھۋالدا، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا بېيجىڭغا ئەركىن، تەرتىپلىك كىرىپ-چىقسا بولىدۇ. بېيجىڭنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كەلگەن كىشىلەرگىمۇ يۇقىرىقى تەدبىر ئىجرا قىلىنىدۇ.

يولۇچى دوستلارنىڭ پايتەختنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسەت-بەلگىلىمىلىرىنى ئالدىن ئىگىلەپ، سەپىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش، يىغىلىشقا كۆپ بارماسلىق، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئارىلىق ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى، كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان كۈندىلىك ساغلاملىق تەكشۈرۈشىنى ئاڭلىق ياخشى ئىشلىشىنى، بىنورمال كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە ۋاقتىدا ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللە، ئورۇنغا دوكلات قىلىشىنى ھەمدە دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ئورتاق قوغدىشىنى سورايمىز.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: