新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ئەركىن قوش رەڭلىك توپ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-03 12:46作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

مۇكاپات چىقتى! كۈيتۈندە قوش رەڭلىك توپ كاتتا مۇكاپاتى چىقتى! 2 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ 2021017 ـ قارارىدا، كۈيتۈن پاراۋانلىق لاتارىيە شەھىرى دەرىجىدىن تاشقىرى خۇشاللىقنى كۈتۈۋالدى، بىر دو قوش رەڭلىك توپ 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتى (قوشۇمچە بىر دو 6 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات) كۈيتۈن شەھىرىنىڭ 65400110 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن چىقتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 8959038 يۈەنگە يەتتى! بۇ پەقەت بىر دانە 10 يۈەنگە 5 دو تىكىش شەكلىدىكى لاتارىيە بېلىتىدىن چىققان كاتتا مۇكاپات! بىز بىرلىكتە بۇ تەلەيلىك كىشىنىڭ مول-ھۇسۇل ئېلىش جەريانىنى كۈرۈپ باقايلى.

كۈيتۈن شەھىرىدىكى قازاق تاغا ئەركىن كونا لاتارىيەچى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناۋاتقىنىغا ئون يىلدىن ئاشتى، ئەركىننىڭ ھەر خىل ئويۇنلاردىن قانچە قېتىم سېتىۋالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، لېكىن ئۇ ھەر كۈنى لاتارىيە سېتىۋالغاندا «ئون يۈەن قائىدىسى» گە ئەمەل قىلاتتى. ئەركىننىڭ قارىشىچە، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالشىتا مۇھىمى ئىزچىللىق ئىكەن، ھەر قېتىمدا 10 يۈەن ، لېكىن چوقۇم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك ئىكەن. ئەركىن ئادەتتە لاتارىيە سېتىۋالغاندا ئۆزى تاللاش بىلەن كومپيۇتېردا تاللاشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئەگەر بوش ۋاقىت بولسا، ئۇ يۆنىلىش خەرىتىسىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، ئاندىن لاتارىيە   پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ، ئاندىن ئۆزى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان نۇمۇرنى تاللاپ چىقاتتى. ئەگەر خىزمەت بەك ئالدىراش، ۋاقىت بىر قەدەر قىس بولسا، دەرھال كومپيۇتېردا نۇمۇر تاللاپ دو تىكەتتى.

2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ئەركىن كۈيتۈن شەھىرىدىكى 65400110 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، شۇ كۈنى ئۇ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن يەنى نومۇر ساقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىغا دو تىكتى. ئۇ مۇنداق دېدى:«لاتارىيە بېلىتى ئوچۇقىنى ئېيتقاندا ئېھتىماللىق ئويۇنى، ھەر بىر دو نومۇرىنىڭ چىقىش ئېھتىماللىقى بار، ئۇنداقتا ئۆزگەرمەسلىك ئارقىلىق ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئالساق بۇلىدۇ، ئۆزگەرمەس نومۇر بىلەن ھەر بىر سان مۇكاپاتقا تاقابىل تۇرۇش كېرەك، بەلكىم چوڭ مۇكاپات ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن»-دېدى. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ بەش دو نومۇرىنىڭ 10 يۈەنلىك يەككە بېلىتى پەقەت بىر ئاي ساقلاپلا، ئۇ قوش رەڭلىك توپ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئەركىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا جەزمەن چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ، بەك خۇشال بولدۇم. مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر ناھايىتى ئەمەلىي كىشلەر، بىز مەسلىھەتلىشىپ مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۆيدىكى ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئۈچۈن ۋە ئىككى بالىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن كۆپرەك ئېلىپ قېلىپ، ئاندىن دەرھال ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئارقىدىن ئۆيدىكى تۇرمۇشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى تولۇقلايمىز! گەرچە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولساقمۇ، لېكىن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنىلا ئەستايىدىل خىزمەت قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايمىز.»-دېدى.

1.png

分享到: