新闻详情

داڭلىق چولپان جياڭ شۇيىڭ

发表时间:2021-03-17 16:57作者:ئەلكۈيى来源:تېڭشۈن

640-24.gif640-59.png


جياڭ شۇيىڭ (江疏影)نىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا كۆپىنچە كىشىلەرگە ناتونۇش بىلىنىشى مۇمكىن، بىراق جياڭ شۇيىڭنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەنلەر ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئۇنچە ناتوتۇنۇش ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ. جياڭ شۇيىڭنىڭ مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، لاتاپەتلىك، رول ئېلىش ماھارىتىمۇ ئىنتايىن قالتىس، كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

جياڭ شۇيىڭ رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇ سېنارىيلەرنى تولىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تاللايدۇ، ناچار سېنارىيلەرنى بىردەك رەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىرىمۇ ناچار باھالىنىپ باقمىغان، ئۇ رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى يۇقىرى كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇ جىن دوڭ (靳东)، خۇگى (胡歌)، سۇن خوڭلېي (孙红雷) قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى داڭلىق ئەر چولپانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان.

جياڭ شۇيىڭ تولىمۇ كەمتەر، ئاددى-ساددا، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋالمايدىغان يېقىشلىق چولپان. قارايدىغان بولساق، ئۇ رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى كىنولاردا بولسۇن، جياڭ شۇيىڭ ئىزچىل ساھىبجاماللارنىڭ رولىنى ئالغان، ئالغان رولى ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا تولىمۇ ماس كەلگەن.

جياڭ شۇيىڭنىڭ بويى ئېگىز، تېرىسى ئاپئاق، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇ دائىم قەيسەر ئاياللارنىڭ رولىنى ئالىدۇ، رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالىدىغان بولغاچقا، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.

يېقىندا جياڭ شۇيىڭ ئالىي مەكتەپتىكى قىز ساۋاقداشلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى تورغا چىقاردى ھەمدە ئۆزىنى سىنىپ بويىچە «ئەڭ سەت» دېدى، بۇنىڭدىن جياڭ شۇيىڭنىڭ تولىمۇ كەمتەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. سۈرەتتە جياڭ شۇيىڭ چاچلىرىنى قويۇۋەتكەن، يەڭسىز كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، گىرىمسىز ھالىتىمۇ شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى.



تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: