新闻详情

خانلىق مادرىد 1:3 ئاتلانتا

发表时间:2021-03-17 17:28作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ كېيىنكى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە دىستېفانو توپ مەيدانىدا باشلاندى، خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا ئاتلانتا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مودرىچ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە پاس يەتكۈزۈشى بىلەن بېنزېما بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە خانلىق مادرىدنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە خانلىق مادرىدتىن راموس نۇقتاتوپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، ئاتلانتادىن مۇرېل بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، خانلىق مادرىدتىن ئاسېنسىئو بىر توپ كىرگۈزۈپ، غەلبىنى مۇقىملىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 1:3 نەتىجىدە ئاتلانتانى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى ئاتلانتا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، گوسېنسنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، لومېلونىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپىنى مۇداپىئەچى توسۇۋالدى، ئاتلانتا داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، گىمۇسنىڭ كەينى-كەينىدىن قاپقىغا تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، خانلىق مادرىد قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللەپ، ۋىنىسىئۇسنىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچى توسۇۋالدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 34 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، خانلىق مادرىد بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئاتلانتا قاپقىچىسىنىڭ توپ باشلاشتىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلى توپ مودرىچنىڭ پۇتىغا كەلدى، مودرىچ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى بېنزېماغا پاس بەردى، بېنزېما توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە خانلىق مادرىدنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ خانلىق مادرىد ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، ۋىنىسىئۇسنىڭ تەپكەن توپى ئازراقلا قېيىپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 59 مىنۇت بولغاندا خانلىق مادرىد يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ،نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، خانلىق مادرىد ھۇجۇم تەشكىللەپ، ۋىنىسىئۇس نۇقتا توپتىن بىرنى قولغا كەلتۈردى، راموس نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، ئاتلانتا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، زاپاتانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، خانلىق مادرىد ھۇجۇم تەشكىللەپ، بېنزېمانىڭ ئۈسكەن كاللا توپنى قاپقىچى توسۇۋالدى، قايتقان توپنى بېنزېما يەنە كاللا بىلەن ئۈسكەن بولسىمۇ ئەمما توپ قاپقا تۆمۈرىگە تېگىپ ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، ئاتلانتادىن زاپاتانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 82 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، ئاتلانتا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، ئاتلانتا ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، مۇرېل ئىختىيارى توپنى بىۋاستە قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەندە خانلىق مادرىد بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇددەتتىن بۇرۇن غەلبىنى مۇقىملىدى، خانلىق مادرىد ھۇجۇم تەشكىللەپ، لۇكاس ۋاسكىزنىڭ پاس بېرىشى بىلەن ئاسېنسىئو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 1:3 نەتىجىدە ئاتلانتانى مەغلۇپ قىلدى، تۇنجى ئۇچرىشىشتىكى 0:1 نەتىجىنى قوشقاندا خانلىق مادرىد ئومۇمىي نومۇردا 1:4 نەتىجىدە ئاتلانتانى شاللاپ سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.




تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: