新闻详情

سانجى ئوبلاستىدا « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىش دولقۇنى قوزغالدى

发表时间:2021-03-04 11:44作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كونىلاردا«خاسىيەتلىك قار مول ھوسۇلدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن گەپ بار. كالا يىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى قېلىن قار خۇددى شوخ كىچىك زىرەكچاقلارغا ئوخشاش، توختىماي لەپىلدەپ چۈشۈۋاتاتتى، لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قېلىن قار باش باھاردىكى خۇش پۇراقنى ئېلىپ كەتتى، بۇ قار بولسا بۇ يىل چوقۇم مول ھوسۇللۇق يىل بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

دەرۋەقە، كالا يىلى باشلىنىشى بىلەنلا، سانجى ئوبلاستىدا «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرلەر كەينى ـ كەينىدىن تارقالدى. 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، سانجىدا مەلۇم قوش رەڭلىك توپ ھەۋەسكارىنىڭ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرى ئاشكارىلىنىپ،   195800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ؛ ئارقىدىنلا، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ 2021019-سانىدا يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خۇش خەۋەر تارقالغان، سانجى شەھىرى 65230205 لاتارىيە بېكىتىدىكى بىر لاتارىيەچى قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ 2010205- سانىدا گۇچۇڭ ناھىيەسىدە يەنە بىرەيلەن 6 مىليوندىن كۆپ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ، ئارقا ئارقىدىن كەلگەن بۇ خۇش خەۋەرلەر يەنە بىر قېتىم لاتارىيە قىزغىنلىقى كۆتۈردى!

2-ئاينىڭ 26- كۈنى، سانجى شەھىرى 65230205 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىدا مۇكاپاتقا ئىرشكەن لاتارىيەچى لى ئەپەندى خوتۇن- بالىلىرىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش جەريانىدا، ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قىزىقارلىق ئىشلارنى ھەمبەھىرلىدى:«ئىلگىرى ئىزچىل لاتارىيە بېلىتى سىتىۋىلىپ كەلگەن ئۈچ دو نومۇرنىڭ ھەممە قارارنى داۋاملىق سىتىۋىلىپ، توپتوغرا ئون يىل ساقلىغان بولساممۇ، لېكىن ئىزچىل چوڭ مۇكاپات چىقمىغان ئىدى. تۈنۈگۈن 65230205 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، مەن ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئۆزۈم ساقلاپ كەلگەن ھېلىقى ئۈچ دو قوش رەڭلىك توپ نومۇرىغا دو تىكتىم، لاتارىيە بېلىتىنى قۇلۇمغا ئالغاندا يانچۇقۇمدا دەل تۆت يۈەنلىك پارچە پۇلنىڭ قالغانلىقىنى بايقىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئىككى دو قوش رەڭلىك توپ نومۇرىنى تاللىدىم. ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى كەچتە قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدىن مۇكاپات چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە 1 دو ئاپتوماتىك تاللىغان نومۇردا قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى 1-دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى»-دېدى، مۇكاپات ئالغاندا لى ئەپەندى ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ كەتتى.

2.png

ئۈچ كۈندىن كېيىن گۇچۇڭ ناھىيىسى 65230210 نۇمۇرلۇق لاتارىيە پونكىتىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەلەيلىك جۇ ئەپەندىمۇ ئالدىراپ-تېنەپ ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كەلدى، مۇكاپات ئالغاندا، جۇ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدىبۇ چاغدا بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ئاخىرى ئىرىشتىم ! ھېلىمۇ ياخشى مەن ۋاز كەچمەپتىكەنمەن، بۇ پەيتنىڭ يېتىپ كېلىشى مېنى بەك ئۇزۇن ساقلاتقۇزدى.»-دېدى.

3.png

مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئېھتىماللىقى بار، ئەمما خۇشاللىق مەڭگۈلۈك، لاتارىيە سېتىۋالغاندا نورمال روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك؛ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئۆزى ئامەت، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىسە پاراۋانلىق بولىدۇ، كونىلاردا «باشقىلارغا ئەتىرگۈل سوۋغا قىلساڭ، قولۇڭ خۇش پۇراق بولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. تەھرىر ئەڭ ئاخىرىدا يەنە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، لاتارىيە سېتىۋالغاندا چەك قويۇش، دو تىككەندە ئاقىلانە بولۇش كېرەك. سىزنىڭ پاراۋانلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە تەلەيلىك بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.


分享到: