新闻详情

ئۇنىڭ 8 يۈەن پۇلى ئىككى سىكۇنت ئىچىدە 3000 يۈەنگە ئۆزگەردى

发表时间:2021-03-04 17:56作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ـــ چىقتى!چىقتى! ئويلىمىغان يەردىن مۇكاپات چىقىپتۇ! –دېدى ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ،- ئەسلىدە بىر لاتارىيەچى تۇنجى قېتىم «شادلىق 8» نى ئويناۋاتاتتى، ئەسلىدە يېڭىلىقنىتېتىپ بېقىپ، تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولغانىدى، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتى ئىككىيۈەنلىك «خۇشاللىق 8» گە تايىنىپ ئالتە يەككە لاتارىيە بېلىتى تاللاشتا ئويلىمىغان يەردىن 3000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. مۇكاپات خەۋىرىتارقىلىشى بىلەنلا، فۇكاڭ شەھىرىدىكى 65232601 لاتارىيە پونكىتى كۆزنى يۇمۇپ ـئاچقۇچە قىزىپ كەتتى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە ئۇنىڭغا ھەيرانلىق نەزەرى بىلەن قاراپ،ئۇنىڭ تەلىيىگە ھەۋەس قىلىشتى.

ئىگىلىنىشىچە،مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىنىڭ فامىلىسى ۋاڭ بولۇپ، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ شەرقىي جۇڭغاررايونىدا تۇرىدىكەن، ئۇ بىر پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ھەۋەسكار لاتارىيەچىسى ئىكەن،ھەر كۈنى لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە دو لاتارىيە ئويناپ، تەلىيىنى سىناپباقىدىكەن، پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى ھەر خىل ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ياخشى كۆرىدىكەن،بولۇپمۇ 3 Dئويۇنى ۋە قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن.ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ باشقا قىزىقىشى يوق بولۇپ، ھەر كۈنى لاتارىيەسېتىۋېلىش ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىر خىل ئادەتكە ئايلانغانىدى، ھەرقانچە ئالدىراشبولسىمۇ، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ساتقۇچىلارغا تېلېفون قىلىپ بىر نەچچەدو لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى.

2021-يىلىچاغان ھارپىسىدا، ۋاڭ ئەپەندى شادلىق 8 ئويۇنىنىڭ يېڭىدىن بازارغا سېلىنغانلىقىتوغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. ۋاڭ ئەپەندى بىردىنلا قىزىقىشىنى باسالمايقالدى، لېكىن خىزمەت سەۋەبىدىن، 22-فېۋرال، يەنى بازار ئېچىلغاندىن كېيىنكى تۇنجىكۈنى، ئاندىن 65232601 لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. دەسلەپتە ئۇئالدى بىلەن 20 يۈەن سېلىپ «3 Dلاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى،ئاندىن نەزىرىنى يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىگەتىكىپ، نومۇر تاللاش ئىلھامىنى تىرىشىپ ئىزدىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ۋاڭ ئەپەندى يەنە 12 يۈەن خەجلەپ «بەشنى تاللاش» تىن«ئوننى تاللاش» قىچە بولغان ئويناش ئۇسۇلىدا بىردىن دو تىكتى، تۇنجى قېتىم شادلىق8 ئويۇنىنى ئوينىغان ۋاڭ ئەپەندى ئۆزى سېتىۋالغان لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپاتچىققانلىقىنى، مۇكاپات سوممىسىنىڭ 3000 يۈەن ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە،ۋاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا ساتقۇچىغا مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن بەك ھەيرانقالدىم، مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ تەمى بەك تاتلىق ئىكەن، گەرچە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقائېرىشەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىپ، كېيىنكى قېتىملىق ئامەتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتىمەن!»-دېدى.

4.png

分享到: