新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيەسى« شياۋخۇاڭرىن» چاغانندا نۇر چاچتى

发表时间:2021-03-05 12:08作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

بۇ باھار بايرىمى ھەقىقەتەن قالتىس بولدى! پاراۋانلىق لاتارىيىسى «شياۋخۇاڭرىن» پۈتۈن شىنجاڭدىكى لاتارىيىچىلەرگە ئالاھىد «لاتارىيە قىرىش» پائالىيتى ئېلىپ كەلدى.

چاغان مەزگىلىدە، «شياۋخۇاڭرىن» نىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولدى، بولۇپمۇ كىنوخانا، مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلار، مەسىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خۇيجيا دەۋر سامان يولى شادلىق كىنو شەھەرچىسى، مېيمېي مال سېتىۋېلىش مەركىزى، سەيبوتې ئاپتوموبىل شەھەرچىسى، يېڭى دۇنيا مەيدانى؛ كۈيتۈن شەھىرىدىكى جۇڭجىن مەيدانى كىنوخانىسى، دوستلۇق مال سېتىۋېلىش مەركىزى؛ ئالتاي شەھىرىدىكى رۇسىيە پىيادىلەر كوچىسىنىڭ چېنىقىش ئۆيى؛ غۇلجا شەھىرىدىكى ماۋيې تۈرلۈك ماللار سارىيى ، تەرەققىيات رايونىدىكى ياخشى يۇرت تاللا بازىرى قاتارلىق جايلاردا «شياۋخۇاڭرىن» نىڭ بازىرى ئەڭ ئىتتىك بولدى.

پاراۋانلىق لاتارىيىسى «شياۋخۇاڭرىن» بېلەت سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆركەم بولۇپ، قىزىل، سېرىق ئىككى خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان، كەڭ لاتارىيەچىلەر ئۇنى «شياۋخۇاڭرىن» دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ. «شياۋخۇاڭرىن» سېتىش كۆرگەزمە قىلىش ۋە تەشۋىقاتنى بىر گەۋدە قىلغان كۆپ ئىقتىدارلىق، ئېچىۋېتىلگەن پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش ئۈسكۈنىسى. سودا ساراي، تاللا سودا دۇكانلىرى، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش سورۇنلىرى، يېمەك ـ ئىچمەك سورۇنلىرى، خىزمەت بىنالىرى، ئاپتوموبىل S4 دۇكىنى قاتارلىق سورۇنلارغا تەسىس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆڭۈل ئېچىش، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش بىلەن تەمىنلەشكە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ.

6.png7.png8.png

ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى «شياۋخۇاڭلار» دىن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟ ناھايىتى ئاددىي، بىز بىرلىكتە سېتىۋېلىپ سىناپ باقايلى، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ قايسى «قىرىپ خۇشاللىقا ئىرشىش» بېلەت تۈرىنى سېتىۋالغانلىقىڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇڭ، (كۆرسىتىش ئىشكاپىدا سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ئالتە خىل بېلەت بار) ، ئاندىن بېلەت تۈرىنىڭ ئاستىدىكى «بىلەت تاشلاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ، بىر نەچچە تال ئالماقچى بولسىڭىز بىر نەچچە قېتىم بېسىڭ. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ئېكراندا سان ۋە سومما كۆرۈنىدۇ، ئاندىن «OK» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ جەزملەشتۈرۈڭ، جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، يانفوندىكى ئۈندىدار ياكى ئالىپاي يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ، ئېكراندىكى مۇناسىپ ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلغاندىن كىيىن، بېلەت چىقىرىشنى كۈتسەكلا بولىدۇ.

يانفوندا مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشمۇ ئوخشاشلا ئاددىي ھەم تېز. لاتارىيە بېلىتى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۈندىدار سالۇن نومۇرى (كۆرسىتىش ئىشكاپىدا كود بار) نى سىكاننېرلاپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ، مۇكاپات پۇلى بىۋاسىتە ئۈندىدار ھەميانىغا كىرىدۇ، بىخەتەر، توغرا، تېز بولىدۇ، نەق مەيداندا قىرىپ نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئېلىپ كېتىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ. پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شياۋخۇاڭلار» نى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

1.ئورۇنلاشتۇرۇش ماشىنىسى ئىلتىماس قىلىش. ئىلتىماس قىلغۇچى شەخس ياكى ئورۇن شۇ جايدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت ئورنى، سانىنى چۈشەندۈرسە بولىدۇ. شەخس ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمىسى ۋە بانكا كارتا نومۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئورۇن تىجارەت كىنىشكىسى، قانۇنىي ئىگە گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى ۋە ھېساب ئاچقان بانكا ھېسابات نومۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2.تەكشۈرۈپ تەستىقلاش. شۇ جايدىكى پاراۋانلىق لاتارىيىسى ئورگىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

3.كېلىشىم ئىمزالاش. تىجارەتچىلەر شۇ جايدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى بىلەن «ئېچىۋېتىلگەن پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى ۋاكالىتەن سېتىش كېلىشىمى» ئىمزالايدۇ ھەمدە سېتىش كاپالەت پۇلىنى تاپشۇرىدۇ.

4.قۇراشتۇرۇش. شۇ جايدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى تىجارەتچىلەرگە ياردەملىشىپ سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپىنى نەق مەيداندا قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش، بېلەت سەپلەش، ئاسراش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارىدۇ.


پاراۋانلىق لاتارىيەسى« شياۋخۇاڭرىن» نىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى:

9.png


分享到: