新闻详情

ئامەتلىك يىگىت «شياۋخۇاڭرىن» دىن 400 مىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

发表时间:2021-03-05 16:22作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى دوستى بىلەن كىنوخانىغا كىنو كۆرگىلى بىرىپ، مەيدانغا كىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان ۋاقتىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 400 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى!» 3-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى.

10.png

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى نەنخۇ كەررېفور 5-قەۋەت كىنوخانىسى ئارام ئېلىش رايونىدا لاتارىيەچىلەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى «شياۋخۇاڭرىن» دا «ئون ھەسسە ئامەت» بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇكاپات سوممىسى 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇ تەلەيلىك لاتارىيەچى دەل مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەن ۋاڭ ئەپەندى. ۋاڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، قەيەرگە بارسا شۇ يەردە لاتارىيە ئوينايدىكەن، ئۇ مۇنداق دېدىلاتارىيە سېتىۋېلىش تەلەي بىلەن قول تۇتۇشۇش دېمەكتۇر، تەلەي ياخشى بولسىلا تەبىئىيلا مۇكاپات چىقىدۇ»-دېدى.

11.png

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش جەريانىدا، ۋاڭ ئەپەندى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ، مۇكاپات تارقىتىش زالىدىكى « شياۋخۇاڭرىن» بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئۇ مۇنداق دېدى:«دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى "شياۋخۇاڭرىن" نى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ،"شياۋخۇاڭرىن" نى نۇرغۇن جايلاردا كۆرگىلى بولىدۇ، مەسىلەن، سودا ساراي، تاللا بازىرى، قولايلىق دۇكان، كىنوخانا، مېھمانخانا، ئاپتوموبىل 4 Sدۇكىنى قاتارلىقلار جايلاردا...»-دېدى.

12.png

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شياۋخۇاڭرىن» نىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئاددىي، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشى تېز. لاتارىيە سېتىۋالغاندا، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ قايسى «قىرىپ خۇشالىققا ئىرشىش» بېلەت تۈرىنى سېتىۋالغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرۈپ (كۆرسىتىش ئىشكاپىدا سىزنىڭ تاللىشىڭىزدا ئالتە بېلەت بار) ؛ ئاندىن كېيىن بېلەت تۈرىنىڭ ئاستىدىكى «بىلەت تاللاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بىر نەچچىنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، بىر نەچچە قېتىم چەكسىڭىز بۇلىدۇ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ئېكراندا بېلەت سانى ۋە سوممىسى كۆرۈنىدۇ، ئاندىن«OK» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ جەزملەشتۈرسىڭىز بۇلىدۇ؛ جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، يانفوندىكى ئۈندىدار ياكى چىقىمدان يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ، ئېكراندا مۇناسىپ ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ھەق تۆلىسىڭىز بولىدۇ. لاتارىيە بېلىتى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۈندىدار سالونىدا (كۆرسىتىش ئىشكاپىدا ئىككى ئۆلچەملىك كود بار) سىكاننېرلاپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ، مۇكاپات پۇلى بىۋاسىتە ئۈندىدار ھەميانىغا كىرىدۇ، بىخەتەر، توغرا، تېز بولىدۇ، نەق مەيداندا قىرىپ نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ، ھەر ۋاقىت ھەر جايدا ئېلىپ كېتىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

分享到: