新闻详情

مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات ۋە ئاۋدى ماشىنا سىزنى ساقلاۋاتىدۇ

发表时间:2021-03-09 17:45作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

گۈزەل باھار كۈنىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيىسى «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» سىزگە بەخت ئېلىپ كەلدى

باش باھاردا بارلىق مەۋجۇداتلار ئويغىنىدۇ، ھەممە نەرسە ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، باھار تۈسىگە كىرىدۇ.

لاتارىيە ئويۇنىنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ خۇشال بولىدىغىنى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئىدى، مانا بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خۇش خەۋەر يەنە كەلدى! 2021 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى بازارغا سېلىنىشى بىلەن بىرگە، «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

14.png

15.png

بىر قاراپلا «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» دا بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ « 6» رەقىمىنى كۆرگىلى بولىدۇ، خۇددى ھازىرلا پۇل ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك، يەنە ئالتە بەخت خېتى بار بۇلۇپ بىلەت يۈزى بەخت-سائادەتكە تولغان. بۇ يېڭى ئويۇننىڭ بىلەت قىممىتى 20 يۈەن، مۇكاپات پۇلىنى قايتۇرۇش نىسبىتى 65% بۇلۇپ، 20 قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بار، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن. ئەلۋەتتە، يەنە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى مۇكاپات بۇيۇمى ئاۋدى 4 مودا نەپىس تىپلىق ئاپتوموبىل بار بۇلۇپ، توپتوغرا 25 دانە بار!

16.png

3ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كەچتە، كورلا شەھىرى ئىتتىپاق يولى 65280149 لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەر ئەمدىلا ئېسىلغان «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» دېگەن لوزۇنكىنى كۆرسىتىپ بەس ـ بەستە مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. لاتارىيەچى لى تاغا ساتقۇچىغا مۇنداق دېدى: « مېنىڭ تەلىپىم يۇقىرى ئەمەس، ئوتتۇراھال بولغاندا نەچچە مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقسا بولىدۇ، ئاساسلىقى نەۋرىلىرىمگە يېڭى ۋېلىسىپىت ئېلىپ بېرىشنى ئويلايمەن، 3- ئاينىڭ 8- كۈنى "ئالتە بەخت خۇشاللىقى" نىڭ يېڭى بېلىتى ئالدىن سىتىلىدىكەن، بۈگۈن ئالدى بىلەن بىرنى زاكاز قىلاي»-دېدى. ۋە شۇنداق دېگىنىچە قولىنى پۇلاڭلاتتى، خۇددى غەلىبە قىلىشقا كۆزى يەتكەندەك قىلاتتى. لاتارىيەچى شياۋجاڭ بىر چەتتە تۇرۇپ:«بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ سالمىقى ناھايىتى زور، مۇكاپات بۇيۇمى ئاۋدى 4 مېنى بەك جەلپ قىلدى، تەلەي تىزراق كەلسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن-دېدى، لاتارىيەچىلەر قەلبىدىكى كىچىك ئارزۇ ـ ئارمانلارنى سىزىپ، ئۆزنىڭ بەخت ـ سائادەتلىك بولۇشىنى كۈتۈۋاتاتتى...

مال ساتقۇچى شياۋ گاۋ لاتارىيەچىلەرگە سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىمقى «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» لاتارىيەسىنى خالىغان جايدا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئويۇن ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، مىليون يۈەنلىك مۇكاپات بار، ئاۋدى ماشىنا سوۋغا قىلىدۇ، شۇڭا لاتارىيەچىلەر چوقۇم تەلىينى سىناپ بېقىشى كېرەك، ئامەت سىلەرنى كۈتۈپ تۇرىدۇ!»-دېدى.

分享到: