新闻详情

كاتتا مۇكاپات ئاخىرى چىقتى، بۇ دەقىقىنى مەن بەك ئۇزۇن ساقلىدىم!

发表时间:2021-03-08 17:02作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

2ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى 65230210 لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى جۇ ئەپەندى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. شۇ كۈنى كەچتە، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ 2021020-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، قىزىل توپ نومۇرى 01، 03، 06، 07، 09، 11؛ كۆك توپ نومۇرى 02 بولدى، جۇۋ ئەپەندى 1 دو قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپات، 2 دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە بىرقانچە كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 6324629 يۈەن بولدى. 3- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش زالى بۇ قوش رەڭلىك توپ كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تەلەيلىك ئەپەندىمنى كۈتۈۋالدى. مۇكاپات ئالغاندا، جۇ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا:«ئاخىرى كاتتا مۇكاپات يېتىپ كەلدى! ھېلىمۇ ياخشى مەن ۋاز كەچمىدىم! بۇ دەقىقىنى مەن بەك ئۇزۇن ساقلىدىم!»-دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇ ئەپەندى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ھەر كۈنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۇنىڭ تۇرمىشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئويناش ئۇسۇلىمۇ ئالاھىدە، ئەگەشمە نومۇرنىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، پەقەت ھەر بىر ساندا يۆنىلىش خەرىتىسىگە ئاساسەن ئۆزى نومۇر تاللاشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە كېلىپ دائىم تەكرار دو تىكىش ئۇسۇلىنى ياخشى كۆرىدۇ.

مەن بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، مۇكاپات باشلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان مەزگىلدە ناھايىتى تىت ـ تىت بولۇپ، لاتارىيەگە ئىزچىل ياخشى قاراپ كەلدىم، يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن! بۇ قېتىم ئېرىشكەن كاتتا مۇكاپات ھەقىقەتەن كۆپ، بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئاخىرى ئېرىشتىم.»-دېدى جۇ ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا ھاياجانلانغان ھالدا تولۇقلاپ.

5.png

分享到: