新闻详情

ئامەتلىك چېن ئەپەندى ئاۋدى ئاپتوموبىلى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-18 13:33作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«ئالتە بەخت» بىلەن «شياۋبەي» ئۇچراشقاندا، قانداق ئوت ئۇچقۇنى پەيدا بولىدۇ؟ بۇ كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان ئىش!

«ئالتە بەخت، ئاۋدى بەخت ئېلىپ كەلدى» تېمىسىدىكى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيتى 2021 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى باشلانغاندىن بۇيان، «ئالتە بەخت» تېز سۈرئەتتە شىنجاڭ رايونىدا بازىرى ئىتتىك بېلەت تۈرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، قىسقىغىنا ئىككى كۈندە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كاتتا مۇكاپات ئارقا ـ ئارقىدىن چىقتى. 3-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى 65320133 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئاۋدى A4L ماركىلىق ئاپتوموبىلدىن بىرسى چىقتى.

2021 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى كەچتە، چېن ئەپەندى يېقىن دوستى بىلەن بىرلىكتە خوتەن كوئېنلۇن ئولتۇراق رايونى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا كەچلىك تاماق يېدى. بىكارچىلقتا، چېن ئەپەندى دوستىغا ھەمراھ بولۇپ، 65320133 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالماقچى بولدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كىيىن، چېن ئەپەندى دوستىنىڭ ناھايىتى پىششىق ھالدا «قوش رەڭلىك توپ» ۋە «شادلىق 8» ئۇيۇنىنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇ زېرىككەن ھالدا بېلەت سېتىش ئىشكاپىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇ تېڭىرقاپ قالغان پەيتتە مال ساتقۇچى چېن ئەپەندىگە ئاۋدى ئاپتوموبىلىنى سوۋغا قىلىدىغان پائالىيەت بېلىتى «ئالتە بەخت » نى تەۋسىيە قىلدى. مال ساتقۇچى خادىم مۇنداق دېدى:« "ئالتە بەخت" پائالىيىتى مەزگىلىدە، ئەگەر لاتارىيە بېلىتىنى قىرغادىن كىيىن ئاپتوموبىلنىڭ سۈرەت بەلگىسىنى چىقسا، ئاۋدى A4L ماركىلىق ئاپتوموبىلغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 25 دانە ئاپتوموبىل مۇكاپاتى بار بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 5 دانە 1 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات بار، تەلەيىڭىزنى سېناپ بېقىڭ!»-دېدى.

مال ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەزەلدىن لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ باقمىغان چېن ئەپەندىم ھاياجانلانغاندەك بولدى، ئىختىيارىي ھالدا بەش دانە «ئالتە بەخت» لاتارىيە بېلىتى تاللىدى ۋە 100 يۈەن تۆلىدى. چېن ئەپەندى ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ دوستى ناھايىتى تېزلا لاتارىيە بېلىتىنى تالىشىپ:« مۇكاپات چىقتى! ئاۋدى ماشىنا !! تەلىيىڭ بەك ياخشى ئىكەن!!!»-دەپ ۋارقىرىدى.

چېن ئەپەندىگە «ئالتە بەخت» مۇكاپات بۇيۇمى ئاۋدى ئاپتوموبىل مۇكاپاتى چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، پونكىتتىكى لاتارىيەچىمۇ قىزىپ كەتتى. چېن ئەپەندى مۇنداق دېدى:«بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمنىڭ ئۆزى بىر ئامەت، مەن كۆپچىلىكنى قىزىل كالا ئىچىملىكى بىلەن مېھمان قىلاي، قانچىلىك ئىچسەڭلار مەيلى!»-دېدى. ئارقىدىن چېن ئەپەندى دوستلار چەمبىرىكىگە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى يوللىدى، لىكىن ئۇنىڭ دوستلىرى بۇنىڭغا ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز جاۋاب قايتۇرۇپ:«مەن ئەتە ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ ئاۋدى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشىنىسىلەر!»-دېدى.

6.png

分享到: