新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ساۋ ئەپەندى BMW X325i ئاپتوموبىلىغا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-18 17:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كالا يىلى كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى لاتارىيەچىلەر ئارقا ـ ئارقىدىن كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. چاغاندىن بۇرۇن قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۇيۇنى « ئالتۇن دەۋر» دىكى مىليونلىغان مۇكاپاتنىڭ قىزغىنلىق دولقۇنى تېخى يۇقىماي تۇرۇپلا، چاغاندىن كېيىن يەنە خۇش خەۋەر يېتىپ كەلدى، لاتارىيەچى ساۋ ئەپەندى «ئالتۇن دەۋر» دە BMW X325i تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى ئالدى.

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، ساۋ ئەپەندى خېرىدار بىلەن كۈرۈشكىلى سىرتقا چىقتى، لىكىن خېرىدارنىڭ ۋاقتىنچە ئىشى چىقىپ قېلىپ كۈرۈشەلمىدى، بىكار قالغان ساۋ ئەپەندى يول بويىدىكى بىر پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىغا كىردى، دۇكان ئىچىدىكى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى   رەڭگارەڭ لاتارىيە بېلىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، كەسكىنلىك بىلەن بەش پارچە «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بېلىتىنى تاللىدى، پىشقان ھەرىكىتى خۇددى پىشقەدەم لاتارىيەچىلەردەك تىز بۇلۇپ، ئۇ بىردەمدىلا لاتارىيە بېلىتىنىڭ ھەممىنى قىرىپ بولدى.

ـــ «بۇ مۇكاپات چىققانلىقمۇ؟»-ساۋ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتى يۈزىدىكى باشقا ھەرىپلەرگە ئوخشىمايدىغان «ئاپتوموبىل» بەلگىسىگە قاراپ گاڭگىراپ قالدى، ئۇ لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن تارتىپ، لاتارىيە بېلىتىنى تاللىغىچە، ۋە «ئاپتوموبىل» بەلگىسىنى قىرىپ چىقارغانغا قەدەر، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ نەچچە مىنۇتلا ۋاقىت ئۆتكەن بۇلۇپ، تېخى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ھالىتىگە كىرە-كىرمەيلا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ساۋ ئەپەندى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالغاندىن كېيىن، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە ھاياجانلانماسلىق مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەمما يەنىلا ئادەتتىكىدەك مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. -«مەن ئادەتتە پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئاددىي ئويۇنلارنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا كۆپ ئوينايمەن.»-دېدى ساۋ ئەپەندى. ساۋ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى:«ئۆيدە بىر ئاپتوموبىل بار ئىدى، لېكىن بۇ ئاپتوموبىلمۇ دەل ۋاقتىدا چىقتى، بۇ ئاپتوموبىلنى ئايالىم ھەيدەيدۇ، بۇ ئايالىمنىڭ پىراۋا ئالغانلىقىغا بولغان مۇكاپات، ئەسلىدىمۇ ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى ئىدىم، بۇ ئاپتوموبىل دەل ۋاقتىدا كەلدى.»-دېدى.

لاتارىيە بېلىتى يېنىك قىرىپلا، بەخت ئامەتكە ئېرىشىڭ. ھەر بىر پارچە «قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش» لاتارىيە بېلىتى لاتارىيەچى دوستلارغا ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر پارچە «قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش» قىممىتىنىڭ %20 ى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. سىزنىڭ ھەر قېتىملىق پاراۋانلىق ئىش-ھەركىتىڭىزدە، پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ ئىللىقلىقى سىزگە ھەمراھ بولىدۇ!

7.png

分享到: