新闻详情

ئامەتلىك خې ئەپەندى 1530000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-15 12:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى


        2- ئاينىڭ 28- كۈنى، شىخەنزە شەھىرى 65030071 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى خې ئەپەندىنىڭ ئامىتى كەلدى، ئۇ 30 دو قوش رەڭلىك توپ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 1530000 يۈەن بولدى، ئۇنىڭ تەلىيى ھەممەيلەننىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈردى.

خې ئەپەندى ئادەتتە خىزمىتى ئالدىراش ئەمەس چاغلاردا، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئازراق ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، قوش رەڭلىك توپنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىگە قاراپ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە نۇمۇر تاللايدۇ، ئوي-پىكىرى يوق ۋاقىتلاردا بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ ئويلىنىش يولىنى ئالماشتۇرىدۇ. 2-ئاينىڭ 28- كۈنى خې ئەپەندى يەنە 65030071 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا رەسىم سىزىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ ئىلھامى كەلدى، ۋە تېز سۈرئەتتە قەغەزگە بىر نەچچە سان يېزىپ، مال ساتقۇچىغا بېلەت ئۇرۇشقا بەردى. مال ساتقۇچى كۈلۈپ تۇرۇپ: ـــ «خې ئاكا، بۈگۈن خېلى خۇشال تۇرىسىز ھە! نەچچە دو ئۇرۇشنى ئويلاشتىڭىز؟»-دېدى، خې ئەپەندى سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: ـــ«بۈگۈن ھەقىقەتەن ياخشى، بۇ دو نۇمۇرغا 30 ھەسسە ئۇراي! ئەگەر بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقىپ قالسا بەك ياخشى بۇلاتتى»-دېدى.

شۇ كۈنى كەچتە، خې ئەپەندى دەل ۋاقتىدا يان تېلېفونىنى چىقىرىپ تور بەتنى ئېچىپ، قوش رەڭلىك توپ مۇكاپات ئېچىش ۋىدىئوسىنى كۆردى، ئەڭ ئاخىرقى قىزىل توپ نومۇرىمۇ دەل جايىدا چىققاندىن كېيىن، خې ئەپەندىنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى، نېمىلا دېگەن بىلەن كۆك توپ يەنە چىققان بولسا، ئۇ 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيتتى. بىراق، ئاخىرىدا بىر قەدەم كەينىدە قېلىپ، كۆك توپ چىقماي قالدى، خې ئەپەندى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بىراق خې ئەپەندىنىڭ مىجەزى ئوچۇق، كەيپىياتى ياخشى بولغاچقا، بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى.

خې ئەپەندى 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات نەخلەشتۈرگەندە، ئۆزىنىڭ تېخنىكا تىپىدىكى لاتارىيەچى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا قەرەرلىك لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قارىغۇلارچە نومۇر تاللىمايدىغانلىقىنى، بەلكى قوش رەڭلىك توپنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك يۆنىلىش خەرىتىسىگە ئاساسەن، ئۆزى خۇلاسىلىگەن ئۇسۇل ئارقىلىق نومۇر تاللايدىغانلىقىنى، پۇرسەت مۇۋاپىق بولسا ئاندىن دو تىكىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىم ئەگەر كۆك توپ چىققان بولسا 100 مىليوندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇلاتتىم! ھازىر سەل ئەپسۇسلانغان بولساممۇ لىكىن ھېچقىسى يوق، لاتارىيە ئويناپ كۆڭۈل ئاچساقلا بولمىدىمۇ! مەن ھازىر بەك خۇشال! دېمەك مېنىڭ نۇمۇر تاللاش ئۇسۇلۇمنىڭ يەنىلا بەلگىلىك ئاساسى بار، بۇ مېنى ئېتىراپ قىلغانلىق!»-دېدى.

8.png

分享到: