新闻详情

سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيتى قانات يايدۇرۇلدى، ئامەت دولقۇنى ئارقا-ئارقىدىن كۆتۈرۈلدى

发表时间:2021-03-15 13:04作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ئىككى ئايدا 469 دو «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا ئون مىڭ يۈەندىن يۇقىرى كاتتا مۇكاپات چىقتى!

سېتىلىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى بولدى! شىنجاڭ لاتارىيەچىلىرى بەك «قالتىس» ئىكەن!

بىزنىڭ شىنجاڭدىكى لاتارىيەچىلەر زېرەكلىكى بىلەن داڭلىق، مەيلى قانداق يېڭى ئويۇن، يېڭى ئويناش ئۇسۇلى، يېڭى بېلەت تۈرى بولسۇن، پەقەت شىنجاڭ لاتارىيە بازىرىغا كىرسىلا پەخىرلەنگۈدەك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ! مانا پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭ لاتارىيە بازىدا كىرگىلى ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغان بولسىمۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەر بۇ ئويۇنغا تېزلا قول سالدى، بۇ ئويۇن بىردىنلا قىزىپ كەتتى!

لاتارىيەچىلەرنىڭ غەيرەت-شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ! «شادلىق 8» ئۇيۇنىنىڭ شىنجاڭدىكى سېتىلىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى بولدى!

گەرچە پەقەت ئىككى ئايلا ۋاقىت بولسىمۇ، لېكىن «شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرگە ناھايىتى «تېتىدى»، ۋە ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى! ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىگىچە، شىنجاڭ رايونىدا جەمئىي 96065084 يۈەنلىك «شادلىق 8» ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىلغان بولۇپ، ھەر قارار سېتلىش مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1880000 يۈەنگە يەتكەن. پونكىتنى كېڭەيتكەندىن كېيىن، ئومۇمىي پونكىت سانى 1726 گە يەتتى، ئەمما يەككە ماشىنىنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا تەسىر يەتمىدى، يەنىلا 1566 يۈەن ئەتراپىدا ساقلىنىپ مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

سېتىلىش مىقدارى ۋاقتىنچە ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخۇ شەھىرى 65425202 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى لياڭ خانىم مۇنداق دېدى:«"شادلىق 8" ئۇيۇنى مەن تۇرغان جايدا ناھايىتى قىزىپ كەتتى! دەسلەپتە بىر قانچە لاتارىيەچى بىرلىشىپ "يەتتىنى تاللاش" ، "سەككىزنى تاللاش" تەك ئويناش ئۇسۇلىنى قوللانغان، كېيىن ئاستا-ئاستا تېخىمۇ كۆپ لاتارىيەچىلەر سېتىۋېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، توردا ئالقىشلانغان ئويناش ئۇسۇلىدىكى «دەنۋۇ چۈەنتو» ، «دەنسى چۈەنتو» قىززىپ كەتتى، تېخىمۇ كۆپ لاتارىيەچىلەر ئۆزى يالغۇز سېتىۋېلىشقا باشلىدى، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مۇكاپاتلار ئارقا-ئارقىدىن چىقتى! مانا   "شادلىق8" ئۇيۇنىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پائالىيىتى باشلاندى ئەمەسمۇ! يەنە سوۋغات بېلىتىنى ئالغىلى بولىدۇ! بىزنىڭ پونكىتتىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى، بىز ھەممىمىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى "شادلىق 8" ئويۇنى شىنجاڭدا بارغانسېرى قىزىپ كېتىدۇ!»-دېدى.

9.png

4690000 يۈەندىن يۇقىرى كاتتا مۇكاپات كۆزنى قاماشتۇردى

سېتىش نەتىجىسى كىشىنى خۇشال قىلىپلا قالماي، "شادلىق 8" ئويۇنىنىڭ شىنجاڭ رايونىدا مۇكاپات چىقىش ئەھۋالىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى، ھەقىقەتەن «مۇكاپات بىلەن سېتىش تەڭ جانلاندى» ! ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىگىچە،«شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ 2021056-قاراردا، شىنجاڭ رايونىدا 10000 يۈەندىن يۇقىرى كاتتا مۇكاپاتتىن 469 دو چىققان بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 10000 يۈەن (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن 50000 يۈەن (ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) گىچە بولغان مۇكاپات 422 دو؛ 50000 يۈەن (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن 100000 يۈەن (ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) گىچە بولغان مۇكاپات 18 دو: 100000 يۈەن (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن 300000 يۈەن (ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) گىچە بولغان مۇكاپات 6 دو؛ 300000 يۈەن (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىب يۇقىرى بولغان مۇكاپات 3 دو بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مۇكاپات چىققان ئالدىنقى بەش ۋىلايەت، ئوبلاست ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 97 دو چىقتى، ئىلى ئوبلاستىدا 58 دو چىقتى، سانجى ئوبلاستىدا 52 دو چىقتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدا 47 دو چىقتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ 43 دو چىقتى؛ يەككە لاتارىيە بېلىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 422550 يۈەن بولۇپ، 3 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى خوتەن شەھىرىدىكى 65320200 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى!

10.png11.png

سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيتى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى، ئامەت دولقۇنى ئارقا-ئارقىدىن كۆتۈرۈلدى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ بازارغا سېلىنىش تىجارەت پائالىيىتى 7-مارت ئاخىرلاشتى، بەلكىم لاتارىيەچىلەر خۇشال ئوينىيالمىغان بولۇشى مۇمكىن! شىنجاڭ لاتارىيە بېلىتى تارقىتىش مەركىزى كۆپچىلىكنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ! مانا قاراڭ! ئىككىنچى قېتىملىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى يەنە كەلدى! ئاساسەن ئۇلاقسىز تۇتاشتۇرۇش بولدى! 2021 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى «شادلىق 8» ئۇيۇنى 2021059-قاراردىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى 5 مىليون يۈەن پائالىيەت خىراجىتى ئىشلىتىپ «شادلىق 8» ئۇيۇنى «خۇشال ـ خۇرام ھالدا قايتا يولغا چىقىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پائالىيەت خىراجىتىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ. ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى، توپتوغرا 20 خىل دو تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېلەت ھەدىيە قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى بولىدۇ، بۇ مۇتلەق تېخىمۇ قىزىقارلىق بۇلىدۇ ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزىدۇ!

12.png

分享到: