新闻详情

دوستانە، خاتىرجەم دۆلەت — مېنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھېكايەم

发表时间:2021-03-19 14:11作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

دوستانە، خاتىرجەم دۆلەت —— مېنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھېكايەم

(3-ئاينىڭ 15-كۈنى)

   مېنىڭ ئىسمىم ھۈسەيىن مۇستافا، بۇ يىل 70 ياش، كۇۋەيتلىك. مەن كۇۋەيتتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەنگلىيەگە بېرىپ قۇرۇلۇش ئىلمىنى ئۆگەندىم، كېيىن يەنە ئامېرىكىغا ئوقۇشقا باردىم. كۇۋەيتكە قايتقاندىن كېيىن، مەن كۇۋەيت پەن تەتقىقات يۇرتىدا 19 يىل خىزمەت قىلدىم. 1994-يىلىدىن باشلاپ، مەن ۋە بالىلىرىم كۆپ قېتىم جۇڭگونى ساياھەت قىلىپ، ئۇلۇغ ۋە قەدىمىي مەدەنىيلىككە ئىگە بۇ دۆلەتنى چوڭقۇر ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، جۇڭگوغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىش ئويىغا كەلدۇق.

   1998-يىلى، مەن بالىلىرىم بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا بېرىشنى، جۇڭگوغا كۆچۈپ كېتىشنى قارار قىلدىم. ئەينى چاغدا جۇڭگو بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلمىغان، جۇڭگوغا بېرىپ خىزمەت قىلغانلارنىڭ مائاشىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى. ئەتراپىمدىكى بەزىلەر مېنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، دېدى، لېكىن مەن بۇنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ توغرا قارارلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتكەنىدىم.

   جۇڭگودىكى مەزگىلدە، مەن ئاساسلىقى داشۆدە قۇرۇلۇش ئىلمى ۋە ئىنگلىز تىلى دەرسى بەردىم. مەن نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم. بىز دائىم بىللە تاماق يەيمىز، بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولىمىز، ئۇلار ھەتتا مېنى تويلىرىغا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، مەن بىلەن ئىنتايىن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. ھازىرغا قەدەر، مەن جۇڭگودىكى 96 چوڭ-كىچىك شەھەرنى ساياھەت قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەردىن بولغان نۇرغۇن جۇڭگولۇق بىلەن تونۇشتۇم، ئۇلار مەندە ياخشى تەسىر قالدۇردى.

   مۇنداق بىر ئىش ھېلىھەم ئېسىمدە. 1998-يىلى مەن جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر لەنجوۋغا ئىش بېجىرگىلى باردىم. بىر كۈنى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا بىر جۇڭگولۇق كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ مەندىن قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى سورىدى. كۇۋەيت دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ خۇشال ھالدا مەندىن ئۆيىگە چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلسا بارىدىغان-بارمايدىغانلىقىمنى سورىدى. گەرچە سەل ئىككىلىنىپ قالغان بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ئاخىرى ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ئىكەن، ماڭا ئىنتايىن دوستانە بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئېسىل تائاملىرى بىلەن مېنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ماڭىدىغان چاغدا يەنە ماڭا ئىنتايىن قىممەتلىك جۇڭگو چېيى سوۋغا قىلدى. مەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتتىم ھەم ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋېلىنغانلىقىمنى، ئەمدى يەنە بۇنداق قىممەتلىك سوۋغاتنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. لېكىن ساھىبخان، تەخمىنەن 30 يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج قىلغىلى بارغاندا، ئاۋۋال كۇۋەيتكە بېرىپ، ئاندىن قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. كۇۋەيتتىكى مەزگىلىدە، مۇشۇنداق بىر كۇۋەيتلىك ئائىلە بولۇپ، گەرچە ئۇنى تونۇمىسىمۇ، يەنە كېلىپ تىل جەھەتتىن بىر-بىرىنىڭ گېپىنى ئۇقۇشمىسىمۇ، لېكىن سېخىيلىك بىلەن ئۇنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلغان ھەم ئۇنىڭغا نۇرغۇن ياردەم بەرگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كۇۋەيتتىن كەلگەنلىكىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى ئەينى يىللاردىكى كۇۋەيتلىك دوستىنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان.

   جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونى جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئاساسلىق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان لەنجوۋ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر داڭلىق جاي بار، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ. مەن ئىلگىرى شىنجاڭغا كۆپ قېتىم بارغان، ئۇ يەردىكى مەسچىتلەردە يۈزلىگەن-مىڭلىغان يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىللە ناماز ئوقۇپ، مۇسۇلمانچە تاماقخانىلاردا ئېسىل مۇسۇلمانچە تائاملاردىن ھۇزۇرلاندىم، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدە قانداقتۇر بىرەر مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلمىدىم. پەقەت بۇلا ئەمەس، بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ تولۇق دىنىي ئەركىنلىكنى ھېس قىلدىم. جۇڭگودا جەنۇبتىن شىمالغىچە، شەرقتىن غەربكىچە نۇرغۇن مەسچىت، ھەتتا مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار بار، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىسە، دىنىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسا بولىدۇ. ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، كۇۋەيتلىك بەزى دوستلار مېنىڭ جۇڭگودىكى ئەھۋالىمدىن ئەنسىرەپ، مېنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىگە، ھەتتا «دىنىي زۇلۇمغا» ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىمنى سورىدى، چۈنكى ئۇلار بەزى تاراتقۇلاردا مۇشۇ خىلدىكى خەۋەرلەرنى كۆرگەن ئىكەن، لېكىن بۇ جۇڭگونىڭ مۇسۇلمانلارغا مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىغا بولغان ئىنتايىن چوڭ خاتا چۈشەنچە ۋە قارا چاپلىغانلىق. ئەمەلىيەت مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك بولۇپ، ئۇلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. مېنىڭ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىممۇ مۇسۇلمان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىنجاڭدىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىدىن، مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ.

   جۇڭگو ئىنتايىن تىنچ دۆلەت، مەن بارغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىچىدە، ھەممىسىلا ماڭا بۇنداق خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بەرگىنى يوق. لېكىن 2016-يىلى مەن شىنجاڭغا كوماندىروپكىغا چىققان مەزگىلدە، بىر كۈنى بەختكە قارشى زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىدىن بىرى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى، قازا قىلدى. بۇنىڭدىن تولىمۇ چۆچۈپ كەتتىم. ئەتىسىدىن باشلاپ، شۇ جايدىكى بىخەتەرلىك تارماقلىرى قاتتىق تەكشۈرۈش، قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. جۇڭگودىكى ئاز بىرقىسىم مۇسۇلمانلار ماڭا بۇ تەدبىرنىڭ تۇرمۇشقا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى ئېيتتى . مەن ئۇلارغا شۇنداق دېدىم: بۇ سىلەرگە ياخشى بولسۇن ئۈچۈن، بۇ سىلەرنى قوغدىغانلىق!

   بۈگۈنكى كۈندە، مېنىڭ جۇڭگودا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقىنىمغا 23 يىل بولدى، بېيجىڭدىن ئۆي سېتىۋالدىم، بالام يۇنۇس جۇڭگو تېببىي داشۆسىنى پۈتكۈزۈپ، كۇۋەيتكە قايتىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ؛ يۈسۈپمۇ باشقا بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپ —— پايتەخت تېببىي داشۆسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. بىر كۇۋەيتلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ۋەتىنىمدىن پەخىرلىنىمەن، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە جۇڭگودىكى تۇرمۇشۇمنى قىزغىن سۆيىمەن. بۇ يىللاردا، كۇۋەيت ۋە جۇڭگونىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، لېكىن مېنىڭچە بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس. نۇرغۇن كۇۋەيتلىكلەر ئامېرىكىنى چۈشىنىدۇ، ياۋروپانى چۈشىنىدۇ، لېكىن جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ مەدەنىيلىككە ھەم دۇنيادا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە دۆلەتنى تېخى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشەنمەيدۇ. بىز جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز، بولۇپمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىۋاتقان جۇڭگونى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ سۈپىتى، بولۇپمۇ ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۆستۈردى. كۇۋەيت پەن-تېخنىكا، قۇرۇلۇش، مىدېتسىنا قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلسا بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بىز جۇڭگو بىلەن كۇۋەيتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تېخىمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرالايمىز، تېخىمۇ كەڭ ئەۋج ئالدۇرالايمىز.

                                                                  مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

分享到: