新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى لاۋۋاڭ 1 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-15 18:33作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

         ئىلىدىكى لاتارىيەچىلەر «ئالتۇن دەۋر» دە 1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

خۇشاللىق بىلەن:«بىكار ۋاقىتلىرىمدا بۇ يەرگە كېلىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن، تۇرمۇش شۇنىڭ بىلەن مەنىلىك بۇلۇپ كەتتى»-دېدى.

13.png

2 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش «ئالتۇن دەۋر» غۇلجا شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچىگە باۋما X325i تىپلىق ئاپتوموبىلدىن بىرنى سوۋغا قىلغان خۇش خەۋەر ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر تەرىپىدىن ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا تارقالدى، ئۇلار ھەۋەس بىلەن بۇ خۇشخەۋەرنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەردى. قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىش ئۇيۇنىنىڭ مەستانىسى بولغان غۇلجا شەھىرىدىكى لاۋۋاڭ بۇ خۇشخەۋەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرالمايلا قالدى ۋە «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بېلىتىدىن بىر نەچچە پارچە قىرىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. كىم بىلسۇن، لاۋ ۋاڭ سېتىۋالغان 20 يۈەنلىك «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بېلىتىدىن 1 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقتى.

2 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، لاۋ ۋاڭ دوستى بىلەن ئىشنى بېجىرىپ بولۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ غۇلجا شەھىرىدىكى 65410287 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. ئەينى چاغدا لاۋۋاڭنىڭ يانچۇقىدا 60 يۈەن نەق پۇل بار ئىدى، ئۇ قىممىتى 20 يۈەنلىك ئۈچ پارچە «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بىلىتىنى تاللىغانىدى، دوستى باشتا بىر پارچىنى قىرغان بولسىمۇ مۇكاپات چىقمىدى، لاۋۋاڭ ئىككى پارچىنى قىردى، ئىككىنچى پارچىسىدا ئويلىمىغان يەردىن 1 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىقتى. دوستى ھەۋەس بىلەن: ـــ«پاھ، بۇ مۇكاپات پۇلىغا بىر نەچچە باۋما ماشىنىسى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن، نېمىدېگەن تەلەيلىك ــ ھە!»-دېدى، لاۋۋاڭ ھاياجانلانغان ھالدا: ـــ« مەن تازا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن، مەن چۈش كۆرۈۋاتامدىمەن قانداق، بۇ كاتتا مۇكاپات بەك تۇيۇقسىز چىقتى! ئىلگىرى بىكار بولۇپ قالسام، بۇ يەرگە كېلىپ تەلەي سىناپ باقاتتىم، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئەسلىدىكى زېرىكىشلىك تۇرمۇشقا خۇشاللىق ئاتا قىلىش ئىدى، مەن ھەر كۈنى لاتارىيە بېلىتى قىرىشتىن خۇشاللىق ۋە ئازادىلىك ھېس قىلىمەن. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ قېتىم خالىغانچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسام كاتتا مۇكاپات چىقتى، قارىغاندا مىنڭمۇ ئامىتىم كەلگەن ئوخشايدۇ. چوڭ مۇكاپاتنىڭ يېتىپ كېلىشى ماڭا تۇرمۇشنىڭ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ تاتلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى!»-دېدى.

مۇكاپاتنى ئىشلىتىش پىلانىغا كەلسەك، لاۋۋاڭ ئۆزىنىڭ تەلىيىنىڭ بۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى، بىر قىسىم مۇكاپات پۇلى بىلەن يېڭى ئۆي سېتىۋالىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، ئامەتنىڭ داۋاملىشىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

分享到: