新闻详情

پىشقەدەم لاتارىيەچى قوش رەڭلىك توپ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-16 12:18作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا 10 يىل بولغان پىشقەدەم لاتارىيەچى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش دېگەن نېمە؟ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىر خىل ياخشى ئادەت، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىر خىل قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش سىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، شۇنداقلا سىزنى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرىدۇ.

3- ئاينىڭ 4- كۈنى، قوش رەڭلىك توپ 2021022-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى 65280214 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، لاتارىيەچى ۋاڭ خانىم ئادەتتىن تاشقىرى ئامەتكە تايىنىپ، قىزىل رەڭلىك توپ قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىرلا قېتىمدا 1 دو قوش رەڭلىك توپ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 24 دو 4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 90 دو 5-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 272046 يۈەن بولدى. ۋاڭ خانىم مۇنداق دېدى:«مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقىم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ، ھېچقانداق ئىشتىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيمەن.»-دېدى.

ۋاڭ خانىمنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان بىر ئادىتى بار، ئۇ بولسىمۇ ھەر قېتىم تېلېۋىزوردا مۇكاپات ئېچىلىش نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىشنى كۈرۈش. 3-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ قوش رەڭلىك توپ مۇكاپات ئېچىلىش بىۋاسىتە تارقىتىشىنى كۆردى، ۋە ئۆزى تاللىغان نومۇرغا مۇكاپات چىققانلىقىنى كۈرۈپ، ۋاڭ خانىم قاتتىق ھاياجانلاندى، لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ نەچچە قېتىم قايتا-قايتا توغرىلىدى، شۇندىلا ئۆزىنىڭ راستتىنلا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشەندى.

ۋاڭ خانىمنىڭ چەرچەن ناھىيەسىگە كەلگىنىگە ئون نەچچە يىل بولدى، ئىشتىن سىرتقى ئەڭ چوڭ قىزىقىشى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش. ئۇ مۇنداق دېدى:«چەرچەن ناھىيەسى مېنىڭ بەخت جايىم، مەن بۇ يەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن. مەن ھەر ساندا قوش رەڭلىك توپ ئالىمەن، ئون يىل بولدى. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇرەككەپ نومۇرلارنىڭ بەزىلىرى ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈن نومۇرىغا ئاساسەن تاللىغان، بەزىلىرىنى ئاپتوماتىك تاللىغان. شۇ ۋاقىتتا گۇرۇپپىلاپ چىققان نۇمۇرلار ماڭا بەك يارىغان ئىدى، شۇڭا ھەممىنى سىتىۋالغان ئىدىم.»-دېدى.

ۋاڭ خانىم مۇكاپاتنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن:«بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى تىجارىتىمنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىمەن، كەلگۈسىدە كۈنلىرىمنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

14.png

分享到: