新闻详情

ئۇ «ئەڭ گۈزەل لوپنۇرلۇق» ۋە «ئەڭ گۈزەل پىدائىي» بولۇپ باھالاندى

发表时间:2021-03-11 12:16作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى بۇ پاراۋانلىق لاتارىيەچى «ئەڭ گۈزەل لوپنۇرلۇق» ۋە «ئەڭ گۈزەل پىدائىي» بولۇپ باھالاندى.

يېقىندا، « ئەڭ گۈزەل لوپنۇرلۇقلار» نى باھالاش پائالىيىتى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، لوپنۇر ناھىيەسىدىن كەلگەن بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ باشقۇرغۇچىسى جېڭ ۋېنجىن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2020- يىلىدىكى «ئەڭ گۈزەل لوپنۇرلۇقلار» ۋە «ئەڭ گۈزەل پىدائىي» بولۇپ باھالاندى.

27.png

جېڭ ۋېنجىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، 2014 ـ يىلىدىن باشلاپ، ئۇ كورلا شەھەرلىك پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، يېشىل لېنتا مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولدى، بۇ يىل ئۇنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشقىنىغا ئالتە يىل بولدى.

28.png

جېڭ ۋېنجىن ھەر قېتىم «يېشىل لېنتا» پىدائىيلىرىنى تىلغا ئالغاندا، كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، چۈنكى ئۇ يەردە جېڭ ۋېنجىننىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئىللىق ئەسلىمىسى بار ئىدى. ئۇ 2013 ـ يىلى «يېشىل لېنتا» بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇ توردا «يېشىل لېنتا» مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆرۈپ، پىدائىيلارنىڭ ھەم باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلالايدىغانلىقى، ھەم تېخىمۇ كۆپ يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشالايدىغانىقى، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدىغانلىقى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن، 2014 ـ يىلى جېڭ ۋېنجىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن «يېشىل لېنتا» پىدائىيلار مۇلازىمەت قوشۇنىغا قوشۇلدى. جېڭ ۋېنجىن كوللېكتىپقا ئەگىشىپ 2016-يىلى، 2017-يىلى، 2018-يىلى ئۇدا ئۈچ يىل مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، خالىس ئىئانە قىلىش، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە نەق مەيداندىن قاتناشتى.

29.png

2020 ـ يىلى يازدا، يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ تۇرۇش مەزگىلىدە، لوپنۇر ناھىيەسى جىنيۈ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ بوۋاي مۇنداق دېدى:«شياۋجېڭ ئاددىي ـ ساددا، ئاق كۆڭۈل بولۇپ، مەھەللىدە كىمنىڭ ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكى بىلگىنىدە دەرھال بېرىپ ياردەم قىلدى !»، مەھەللە ئاھالىسى مەمەت مۇنداق دېدى:«جېڭ ئاكام ياخشى ئادەم، ئەگەر كىم تېلېفون قىلىپ بىرەر نەرسە ئالماقچى بولسا، دەرھال ئېلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىدۇ.»-دېدى.

كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ئۈستىدە توختالغاندا، جېڭ ۋېنجىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«تۇرمۇشتا، مەن ئاددىي ـ ساددا بولۇشنىڭ ئۆزى ھەقىقەت دەپ قارايمەن، پىدائىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى ئىشلەيمەن.»-دېدى.

分享到: