新闻详情

پىشقەدەم لاتارىيەچى 15268 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-12 12:48作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كورلا شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «كونا مەستانىسى» ، لاتارىيە سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقىنىغا تۆت-بەش يىل بولدى، ئۇ يېقىندا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان «شادلىق 8» ئويۇنىنى ياقتۇرۇپ قالدى، ۋە 13 نۇمۇرلۇق قايتىلانما دو تىكىش «ئوننى تاللاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 15268 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر كۈنى لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ تەتقىقات ئېلىپ بارىدىكەن، نومۇرنى تاللىغاندىن كېيىن دو تىكىدىكەن. دەسلەپتە ئۇ يەككە دو تىكىدىغانلاردىن ئىدى، كېيىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىلەرنىڭ كۆپ ھاللاردا قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۆزى ئىجتىھات بىلەن بېرىلىپ، قايتىلانما دو تىكىپ، بەزى تەسىراتلىرىنى تەدرىجىي يەكۈنلەپ چىقتى. ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«گەرچە ئىلگىرى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، ئەمما قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن كېيىن، كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشىش قېتىم سانىم كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇسۇلنىڭ يەنە بىر پايدىسى شۇكى، ئۆزۈم قايتا باش قاتۇرۇپ نومۇر قوشمىساممۇ بولىدۇ، پەقەت ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىدىكى نومۇرنى تاللىۋالساملا بولىدۇ، زىھىن ۋە كۈچنى تېجىگىلى بولىدۇ.»-دېدى.

2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى سىرتقا ئىش بېجىرگىلى چىقىپ كورلا شەھىرىدىكى 65280160 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتكەن بولۇپ، شۇ كۈنى تېخى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالمىغانلىقىنى ئويلاپ،   ئۆزىنىڭ تەلىينى سىناپ باقماقچى بولۇپ قايتىلانما دو تىكىپ بېقىشنى قارار قىلدى. دۇكانغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ بىرىنچى بولۇپ «شادلىق 8» خەرىتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇكاپات نومۇرىنى كۆرۈپ، بىر قېتىم ئويلانغاندىن كېيىن، كۆڭۈل قويۇپ 1 دو « 10 نى تاللاش» تىن ئىبارەت 13 نۇمۇرلۇق تاللاپ قايتىلانما دو تىكتى، نەتىجىدە بۇ 572 يۈەنلىك قايتىلانما دو تىكىش ئۇنىڭغا 15268 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە ياردەم بەردى.

ۋاڭ ئەپەندى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، خۇشال ھالدا مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:« قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ، لاتارىيەچى دوستلار ئىشلەتكەندە، "سەزگۈ" گە تايىنىپ ياخشىراق نومۇرغا مۇۋاپىق قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسەن چوڭ دو تىكىش ياكى كىچىك دو تىكىش ئۇسۇلىنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ.»-دېدى، ئەڭ ئاخىرىدا ۋاڭ ئەپەندى مۇكاپات پۇلى بىلەن داۋاملىق قايتىلانما دو تىكىپ «شادلىق 8» نى سېتىۋېلىپ، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

32.png

分享到: