新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى لى ئەپەندى 200000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-17 12:49作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

جىكەيشىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى بىز دائىم دەيدىغان «قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش» بولۇپ، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، ئاسان قولدىن چىقارغىلى بولىدىغان ھەمدە كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن لاتارىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە يولى دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.

شىخەنزىدىكى لى ئەپەندى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش سەپىرىمۇ قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش لاتارىيە بېلىتىدىن باشلانغان، ئۇ بۇلتۇرقى «ئەتىرگۈل كېلىشىمى» لاتارىيەچىلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇش پائالىيىتىدىن باشلاپ قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش ئويۇنى ئوينىغان، چۈنكى ئادەتتە خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، ئاندا ـ ساندا 65030052 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتكەچ كومپيۇتېر بېلىتى سېتىۋالغاندىن سىرت، پەقەت لاتارىيەچىلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئاپتوموبىل سوۋغا قىلىش لاتارىيە بېلىتى ئوينايتتى، ئادەتتە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا بىر بولاق پۈتۈن سېتىۋالاتتى، «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» پائالىيىتى مەزگىلىدە ئۇ بىر قېتىم 10000 يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

3 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، لى ئەپەندى يېڭىدىن ئاپتوموبىل سوۋغا قىلىش پائالىيىتى بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئالايىتەن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىلىپ سېتىشنى باشلىغان ـ باشلىمىغانلىقىنى كۆردى، 8 ـ مارت ئاندىن سېتىشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ مال ساتقۇچىدىن بىر يەنە بىلەت بار يوقلىقىنى سورىدى. مال ساتقۇچى جاڭ ئۇستام ئەڭ ئاخىرقى 10 يۈەنلىك «نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» لاتارىيە بېلىتىنى ئۇنىڭغا تەۋسىيە قىلدى، لى ئەپەندى ئادەتتە 10 يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالمايتتى، ئەمما پۇل يۈزىگە يېزىلغان نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش دېگەن خەتلەرگە قاراپ، بىر قېتىم سىناپ بېقىشنى ئويلاشتى. قىرىپ يېرىمىغا كەلگەندە لى ئەپەندى ئاران بىر نەچچە كىچىك مۇكاپات بارلىقىنى بايقىدى، ئۇ بۇ بېلەتنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئالدىن سەزدى، ئالدىن مۆلچەرلىگەن مۆلچەرى 10 مىڭ يۈەن ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن ئاخىرقى 10 پارچىسى قالغاندا، 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات تۇيۇقسىز چىقتى، لى ئەپەندى دەرھال بېلەتنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى ھەم ساتقۇچىغا كۆرسىتىپ يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ تاقەتسىزلىك بىلەن شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە لى ئەپەندى خىزمەتچى خادىملار بىلەن پاراڭلىشىپ:«ئەسلىدە ماشىنا سوۋغا قىلدىغان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ئويلىغانىدىم، نەتىجىدە بۇ كۈتۈلمىگەن خۇشاللىققا ئېرىشتىم، مەن ھازىر ماشىنا سوۋغا قىلدىغان لاتارىيە بېلىتىنىڭ سېتىلىشىنى ساقلاۋاتىمەن، مۇشۇ ياخشى ئامەتتىن پايدىلىنىپ داۋاملىق مۇكاپات چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى.

1.png

分享到: