新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ «كونا مەستانىسى» 9262370 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-17 18:58作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

3 - ئاينىڭ 9- كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيەسى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ 2021024- قارار مۇكاپات ئېچىلدى، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى بىر پارچە 56 يۈەن قىممىتىدىكى «8+1» قايتىلانما لاتارىيە بېلىتى بىلەن قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنىدا 1 دو بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 12 دو ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 15 دو تۆتىنچى دەرىجلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 9262370 يۈەن بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى يىن ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق «كونا مەستانىسى» بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ تۈرلۈك ئويۇنلىرىنى سېتىۋېلىشنى ئون يىلغا يېقىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنى ياخشى كۆرۈشتە ئىزچىل چىڭ تۇرغان. يىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:«مەن نومۇر تاللاشنى ئۆزۈم تەتقىق قىلىمەن، ھەر قېتىمدا پەقەت بىرلا نومۇر ئالىمەن، نومۇر تاللاشنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىمەن، شۇڭا كۆپ سېتىۋالمايمەن. ئادەتتە مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن نومۇرلارنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ، ئاستا-ئاستا تەتقىق قىلىپ گۇرۇپپىلاپ، كۆڭلۈمدىكىنى تاللىۋېلىپ دو تىكىمەن. مەن بۇ جەرياندىن خۇشاللىق ھىس قىلدىم، نومۇر تاللاشتىن تارتىپ مۇكاپات ئېچىشقىچە بولغان ھەممە ئىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك. دەل ئەھمىيەتلىك ھەمدە قىزىقارلىق بولغاچقا، مەن لاتارىيە سېتىۋېلىشنى شۇنچە يىل داۋاملاشتۇردۇم، ھەم بۇ قېتىمقى ئامەتنى ساقلىدىم.»-دېدى.

يىن ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نومۇر ئۇ كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان قايتىلانما گۇرۇپپىلانغان نومۇر بولۇپ، نۇمۇرنى ساقلاپ كەلگىنىگە ئىككى يىلغا يېقىن بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل مۇكاپات چىقمىغان. 3 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، يىن ئەپەندى ئادەتتىكىدەك شايار ناھىيەسىدىكى 65290188 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا بۇ نومۇرغا دو تىكىپ، يەنە بىر قېتىم بەرداشلىق بېرىشنى ئويلىدى، ۋە يەنە مۇكاپات چىقمىسا نۇمۇر ئالماشتۇرۇشنى ئويلىدى. ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى كەچتە يىن ئەپەندى ئۆيىدە قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات ئېچىش پىروگراممىسىنى كۆرۈۋاتقاندا، شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ تاللانغان نۇمۇر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ھەيران قالدى، ۋە ئۆزىنىڭ بۇنچە كۆپ مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمىدى. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، يىن ئەپەندى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن 9262370 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەنگەن.

ئايرىلىش ئالدىدا يىن ئەپەندى بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش قەدىمىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئېرىشكەن مۇكاپات سوممىسنى قانداق ئىشلىتىشكە كەلسەك، يىن ئەپەندى ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالدىرىماي مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن قارار چىقىردىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2.png

分享到: