新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى يېڭى لاتارىيە بېلىتىنى بازارغا سالدى

发表时间:2021-03-19 13:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

سىز بىلەن مەن «قەلبداش» بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، سىزگە «ئارقا-ئارقىدىن ئامەت» كېلىدۇ.

− 2 خىل قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى يېڭى لاتارىيە بېلىتى بازارغا سېلىنىپ سېتىلدى

پاراۋانلىق لاتارىيىسى خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى، قىرغانسىرى سىزنى خۇشال قىلىدۇ!

يېقىندا، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ يېڭى بېلەت تۈرى «قەلبداش» ۋە «ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن ئامەت» شىنجاڭدا بازارغا سېلىندى، سىز بىلەن مەن «قەلبداش» بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، سىزگە «ئارقا-ئارقىدىن ئامەت» كېلىدۇ.

3.png

«قەلبداش» لاتارىيە بېلىتى ئاتكرىتكا شەكلىدە لايىھەلەنگەن، ھەر بىر يۈرۈشى بەش دانە. ھەر بىرىنىڭ يۈزىدە نەپىس قىستۇرما رەسىم بار بولۇپ، قىستۇرما رەسىمنىڭ مەزمۇنى جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىملەرنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» تىن ئىبارەت تارقىتىش ئاساسىي مەقسىتىگە ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشقان، مەنىسى چوڭقۇر.

«قەلبداش» لاتارىيە بېلىتىنىڭ قىممىتى بەش يۈەن بولۇپ، جەمئىي ئالتە مۇكاپات دەرىجىسى بار، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 100 مىڭ يۈەن. ئويۇن قائىدىسى: لاتارىيە بېلىتى يۈزىدىكى قىرىش رايۇنىنى قىرغاندىن كىيىن، ئەگەر خالىغان بىر «مىنىڭ نۇمۇرۇم» بىلەن «مۇكاپات نۇمۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ «مىنىڭ نۇمۇرۇم» نىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ ئەگەر قىرىپ چىقىرىلغىنى رەسىم بولسا، بۇ رەسىم بەلگىسىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، مۇكاپات شۇ ھامان نەقلەشتۈرۈلىدۇ.

4.png

«ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن ئامەت» لاتارىيە بىلىىنىڭ لايىھەلىنىشى ئىخچام، كۆركەم، مودا ۋە يېڭىچە . بىلەت يۈزىدىكى رەڭ ھال رەڭ، يېشىل رەڭ، ئالتۇن رەڭدىن ئىبارەت ئۈچ رەڭنىڭ گىرەلىشىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، كىشىگە بىر خىل ساپ، يارقىن كۆرۈش سەزگۈ تۇيغۇسى بېرىدۇ. بىلەت يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قەغەز قىيما شەكلىدە يېزىلغان «بەخت» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، لاتارىيەچىلەرگە بەخت يەتكۈزۈش سىمۋول قىلىنغان؛ ئوڭ-سول ئىككى تەرىپىگە ئېگىز ئېسىلغان پانۇسلار ئاستا-ئاستا لەيلەپ ئۆتكەن قۇت بۇلۇتلىرى، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېشىل ئۆسۈملۈكلەر بەخت-سائادەت ۋە تەلەيگە سىمۋول قىلىنغان. «بەخت» دېگەن خەتنىڭ ئاستىغا ھەر خىل، ھەر ياڭزا «خەزىنە» يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئالتۇن يامبۇ، گۆھەر ساندۇقى، ھەميان، قۇت بۇلۇتى، جۇڭگو تۈگۈچى، نېلۇپەر قاتارلىقلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

«ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن ئامەت» لاتارىيە بېلىتىنىڭ قىممىتى بەش يۈەن بولۇپ، جەمئىي يەتتە مۇكاپات دەرىجىسى، توققۇز قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بار، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن. ئويۇن قائىدىسى: لاتارىيە بېلىتى يۈزىدىكى قىرىش رايۇنى قىرغاندا، مۇكاپات سوممىسى چىقسا، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇكاپات شۇ ھامان نەقلەشتۈرۈلىدۇ.

分享到: