新闻详情

لاتارىيەنىڭ ماڭا بېرىدىغان ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى ئانالىز قىلىش

发表时间:2021-03-19 19:33作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، مۇكاپات پۇلىنىڭ ئەمەلىي پايدىسى ۋە خۇشاللىقى يېتەرلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر يەككە ياكى قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلىنى تاللاپ دو تىكتى. ئەمما ئۇلار بۇ ئويۇننىڭ مۇكاپات نومۇرى كۆپ بولۇش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، دەنتو ئۇسۇلى بىلەن «شادلىق 8» ئويۇنىدا دو تىكسە مۇكاپات چىقىش نىسبىتى ۋە لاتارىيە سېتىۋېلىش تەسىراتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ

3-ئاينىڭ 3-كۈنى، سانجى شەھىرى 65230151 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى گو ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى لاتارىيە سېتىۋېلىش تەجرىبىسى «بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋېلىش» گە ئاساسەن، «دەن 4 چۈەن تو» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ۋە «بەشنى تاللاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بەختكە قارىتا 17260 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. ئىككىنچى كۈنى، گو ئەپەندى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى. مۇكاپات ئېلىش جەريانىدا، ئۇ خىزمەتچى خادىملار بىلەن ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش كەچۈرمىشلىرىنى ئورتاقلاشتى، گو ئەپەندى مۇنداق دېدى:«مىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقىنىمغا ئون نەچچە يىل بولدى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ "كونا مەستانىسى" دېيىشكە بۇلىدۇ، "قوش رەڭلىك توپ"، "3D"، " چىلېسەي " قاتارلىقىلارنى مەن بۇرۇن ھەر قارار سېتىۋالاتتىم، ۋە دائىم چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ تۇراتتىم، لىكىن مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دو تىكىش ئۇسۇلى دەنتو ۋە قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلى. چىلېسەي ۋە قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى ئوينىغاندا، مەن قوش نومۇر، تۇتاش نومۇر، يانتۇ نومۇر جەھەتتىكى ئانالىزغا ئەھمىيەت بېرىمەن، «شادلىق 8» ناملىق ئويۇن بازارغا سېلىنغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان يېڭى ئويۇن، مۇكاپات نومۇرى دو تىكىش نومۇرىدىن كۆپ، مەن ئويۇن مۇكاپات ئېچىش نومۇرىنىڭ «رايىش» ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مۇھىم نۇقتىنى دەنما تاللاشقا قويدۇم، پەقەت دەنما تۇلۇق چىقسىلا، مەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيمەن، دەنما تولۇق چىقمىغان تەقدىردىمۇ، مەن يەنىلا ئازراق مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيمەن.»-دېدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گو ئەپەندى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:«لاتارىيەنىڭ ماڭا بېرىدىغان ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى ئانالىز قىلىش، بۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆپ خىل ئۇسۇلدا دو تىكىشنى سىناپ، لاتارىيەدىن تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ئىزدەيمەن!»-دېدى.

分享到: