新闻详情

قاناتلانغان ناخشا ساداسى قويۇلماقچى،شىنجاڭ دۇنياغا مۇنداق دەيدۇ

发表时间:2021-03-23 12:32作者:爱酷艺网来源:中国日报

640-24.gif640-59.png

   



ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى ئىجاد قىلىپ سۈرەتكە ئالغان ، داڭلىق ئارتىس ، رېژىسسور ئابدۇكېرىم ئابلىز رېژىسسورلۇق قىلغان   دۆلىتىمىزنىڭ «چوڭ ئېكرانلىق ناخشا ـ ئۇسسۇل فىلىمى»   قاناتلانغان ناخشا ساداسى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قويۇلۇشقا باشلايدىكەن.

1616393729819605.png

     ئەلكۈيى تورى تەھرىرىنىڭ ئېگەللىشىچە، بۇ فىلىمنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان، تىيانشان كىنو ستۇدىيىسى سۈرەتكە ئالغان. سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ كۆرۈنۈش ئېلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ رەڭدار مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. كىنودا سەككىز مەيدان ناخشا-ئۇسسۇل بولۇپ، تۆت بۆلەك چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل، ئىككى بۆلەك مۇزىكىلىق تىياتىر بار. كىنودا ئوخشىمىغان مىللەتتىكى ياش مۇزىكانتلار مۇزىكا ئىجادىيىتىدىكى «يۇقىرى پەللە» ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قىزغىن تۇرمۇشقا ئاتلىنىپ، مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇزىكا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

1616393743843035.png

   فىلىمنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، « جۇڭگو ئارزۇسى» ۋە« روھقا ۋارىسلىق قىلىش» تىن ئىبارەت ئىككى قاتلامنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ مۇزىكا قوغلىشىش ئارزۇسىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد« چېگرانى ساقلاپ، ۋەتەننى قوغداش» ، « خالىس تۆھپە قوشۇش» روھى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.

   فىلىمنىڭ مۇھىم كۆتۈرۈش شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا، ناخشا ـ ئۇسسۇل شەكلى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسى ۋە رەڭگارەڭ مىللىي ئۆرپ ـ ئادىتى فىلىمدە تولۇق نامايان قىلىندى.

   بۇ فىلىمدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا، ناخشا ـ ئۇسسۇللىرىنىڭ ئاساسىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، زامانىۋى، مودا، يۇغۇرۇلغان، دۇنياۋى ئامىللار دادىللىق بىلەن قوشۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىلگىرىكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان، كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدىغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسسۇلى نامايان قىلىندى.

   بۇ فىلىم ئىجاد قىلىش، سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر بولۇپ، قوزغالغاندىن تارتىپ ئېتىلغىچە بولغان قىسقىغىنا ئۈچ ئايدا، شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدىكى چۆچەكتىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، يول بويى سۈرەتكە ئېلىپ، ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە يېتىپ بارغان، يەنە ئايلىنىپ جەڭ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىغا بارغان، سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاستتىن ئۆتۈپ، 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول ماڭغان، پەقەت چوڭ تىپتىكى كۆچۈش ۋاقتىلا 16 قېتىمغا يەتكەن. توققۇز مىللەتتىن تەركىب تاپقان سۈرەتكە ئېلىش ئىجادىيەت ئەترىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش بىلەن بىللە، گۈزەل مەنزىرە ۋە ئادىمىيەت ئۆرپ ـ ئادىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجادىيەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

1616393751913755.png

   تيانشان   كىنو ئىستۇدىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سالغان مەبلەغ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەقسىملەش ئەڭ تولۇق، ئۈسكۈنە سېلىنمىسى ئەڭ ئىلغار، سۈرەتكە ئېلىش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ فىلىم ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەت كىنو ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى كىنو ساھەسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. شيا ۋاڭ، جاڭ يىڭبىڭ، ئۈمىد، جياڭ يىخاۋ (ئايكېن) قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئارتىسلار باش رول ئالدى، نېغمەت مېھمان رولغا چىقتى ، تيانشان كىنو ئىستودىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ خۇاڭگاڭ باش رېژىسسور، باش فىلىم ئىشلىگۈچى، ئابدۇكېرىم ئابلىز رېژىسسور، سېنارىست لى مۇشى، گاۋ چى.

2019102922315778267.jpg

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر ھەقىقىي مەنىدىكى ناخشا ـ ئۇسسۇل فىلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ فىلىمنىڭ ئاشكارا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئىجابىي تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىقتىسادى قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ناخشا ـ ئۇسسۇللىرىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ناخشا ـ ئۇسسۇل، كىنو ئىجادىيىتى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نۇر، ئاۋاز، رەسىمنىڭ يېڭى دەۋر كىنو ئۈلگىسىنى يارىتىشتا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

素材1.jpg

تۈگىدى.png


监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:阿依努尔

制作:张伟




分享到: