新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى شۈ ئەپەندى 8646537 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-22 12:50作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

سانجى لاتارىيەچىلىرى يەنە قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى تۈرىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى! ۋاھ! بىزنىڭ سانجىدىكى لاتارىيەچىلەر بەك قالتىس ئىكەن، كاتتا مۇكاپات ئۈزۈلۈپ قالمىدى! 2 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىگىچە، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 7 قارار مۇكاپات ئىچىلدى، سانجىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ نەتىجىسى شانلىق بولۇپ، 15 كۈن ئىچىدە جەمئىي ئۈچ دو قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدا 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى! ھەقىقەتەن بەك قالتىس ئىكەن!

3 - ئاينىڭ 11- كۈنى، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2021025-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، سانجى شەھىرى 65230203 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، لاتارىيەچى شۈ ئەپەندى بىر دو   قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى! 3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى ئەتىگەندە، شۈ ئەپەندى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە پەيدا بولدى. ئىگىلىنىشىچە، شۈ ئەپەندى 20 يىللىق لاتارىيە ئويناش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى «پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى كونا تۆمۈر خادا» دېيىشكە بولىدىكەن، بولۇپمۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىغا بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ھەر بىر قاراردا دېگۈدەك سېتىۋالىدىكەن، ئەگەر سەزگۈسى ياخشى بولسا، تاللاش خاراكتېرلىك نومۇرغا ئەگشىدىكەن.

مۇكاپات ئالغاندا، شۈ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىم قوش رەڭلىك توپ 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بۇ مېنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇردى، لاتارىيە سېتىۋالغان شۇ كۈنى، مەن قوش رەڭلىك توپنىڭ يۈزلىنىش خەرىتىسىگە ئاساسەن، پۈتۈنلەي سەزگۈمگە تاينىپ 1 دو تىكىش 10 + 2 قوش نومۇرلۇق قايتىلانما دو تىكتىم، ئويلىمىغان يەردىن 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە بىر قانچە باشقا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتىم، جەمئىي 8646537 يۈەن مۇكاپات چىقتى. ئەينى چاغدا بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى مۇكاپاتلىق پىروگراممىسىنى كۆرىۋاتقان ئىدۇق، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاشۇ دەقىقىدە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈلگەنىدۇق، پەقەت مەنلا گاڭگىراپ قالغانىدىم، تا ھازىرغىچە چۈش كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتىمەن، ئەسلىدە مۇكاپاتقا ئېرىشسەم، زىيان تارتمىساملا بولدى دەپ ئويلىغاندىم ، لېكىن بۇنداق تەلەيلىك بولۇشنى، بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئائىلەمدىكىلەرنى چاقىرىپ كېلىپ بۇ بەختلىك پەيتكە شاھىت بولدۇم!» -دېدى.

شۈ ئەپەندى مۇكاپات پىلانىغا قارىتا مۇنداق دېدى:«گەرچە بۇ قېتىم قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولساممۇ، ئەمما قايتىپ بارغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەپ، ئەستايىدىل تۇرمۇش كەچۈرىمەن، بۇ مۇكاپات پۇلىنى ئالدى بىلەن بىر قىسمىنى ئائىلىدە ئىشلىتىپ، قالغىنىنى ئۆز كەسپىمگە ئىشلىتىپ، يېڭى بىر يىلدا ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشى ۋە كەسپىمنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

1.png

分享到: