新闻详情

ياشانغان ئايال 1 مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-03-23 18:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پېشقەدەم لاتارىيەچى ھەدە «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» قا يولۇقۇپ، تولۇپ-تاشقان خۇشاللىق بىلەن مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

يېقىندا، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىدە قىزىل رەڭ ئاساس قىلىنغان بىر خىل لاتارىيە بېلىتى بازارغا سېلىندى. بۇ ئويۇن بېلىتىدە مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات بولۇپلا قالماي، يەنە ئاۋدى ئاپتوموبىلى سوۋغا قىلىندى، 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا، كەڭ لاتارىيەچى دوستلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن، 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايىتىگە جايلاشقان يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشيا يولى 315-دۆلەت يولى يېنىدىكى 65318049 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بىر ئۇيغۇر پېشقەدەم لاتارىيەچى ھەدىنىڭ «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» ئۇيۇنىدا 1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدەك خۇش خەۋەر ھەممە يەرگە تارقىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ياشانغان ئايال پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، «قىرىپ خۇشاللىققا ئېرىشىش» ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇيۇنى ئىكەن. 3 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن ئاشقاندا، ھەدە ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئالدى بىلەن كۆكتات بازىرىغا بېرىپ كۆكتات ساتتى، ئۆيگە قايتىش يولىدا دائىم بارىدىغان 65318049 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، دۇكانغا كىرىشى بىلەنلا تامدىكى «ئالتە بەخت خۇشاللىقى» تەشۋىقات ئېلانى ئۇنى جەلپ قىلدى، ۋە «ئابدۇ، يېڭى بېلەتكە چىقتىمۇ؟»-دەپ سورىدى، مال ساتقۇچى ئابدۇ دەرھال ھەدىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:« شۇنداق ھەدە، تۈنۈگۈن كەلگەن سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بېلىتى، قىممىتى 20 يۈەن، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن، يەنە مۇكاپات پۇلى بار، مۇكاپات بۇيۇمى ئاۋدى A4L مودا نەپىس تىپلىق ئاپتوموبىل، سىز بىر نەچچە تال سېىۋېلىپ سىناپ باقامسىز؟»-دېدى.

ھەدە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولۇپ: ـــ بەش پارچە ئېلىپ سىناپ باقاي، مەنمۇ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەمدىم تېخى!»-دېدى، ئۇ ئۇدا ئىككى پارچە لاتارىيە بېلىتى قىرىپ بولغان بولسىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنىدى، كۆڭلىدە ئازراق چۈشكۈنلەشكەنىدى، ئەمما يەنىلا كۈلۈمسىرىگىنىچە قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىنى داۋاملىق قىرىۋەردى، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال لاتارىيە بېلىتىنى قىرىۋەتكەندە، ئويناش رايونىدىكى «مۇكاپات نومۇرى» بىلەن «مېنىڭ نومۇرۇم» ئوخشاش بىر سان «02» ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئەمما «مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى مۇكاپات رايونى «1» نىڭ كەينىدە بىر قاتار «0» لار بار ئىدى. ھەدە مۇكاپات چىققانلىقىنى، يەنە كېلىپ كاتتا مۇكاپات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، نەپەسلىنىشىمۇ تېزلەشتى، دەرھال لاتارىيە بېلىتىنى ساتقۇچىغا بېرىپ، مۇكاپات چىققان ـ چىقمىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. مال ساتقۇچى ئابدۇنىڭ قايتا ـ قايتا ئېتىراپ قىلىشى بىلەن،   ھەدە ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن 1 مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە تولۇق ئىشەندى.

3 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ياشانغان ھەدە ئوغلىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ، 1 مىليون يۈەن مۇكاپاتنى قولىغا ئالدى. پېشقەدەم ھەدە خەنزۇ تىلىنى ياخشى سۆزلىيەلمىگەچكە، پۈتۈن جەرياننى ئوغلى ۋاكالىتەن سۆزلەپ بەردى، ئوغلى مۇنداق دېدى:« ئانام پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق پىنتوزىسى، لاتارىيە سېتىۋالغىلى كۆپ يىل بولدى، ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئىلگىرى قېيىنچىلىقتا قالغاندا ئۇرۇق-تۇققانلار بىزگە ياردەم قىلغان ئىدى، قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ياردەمگە مۇھتاج تۇغقانلارغا داۋاملىق ياردەم قىلىمىز. بىز يەكەنگە قايتىشقا ئالدىرىمايمىز، مەن ئانامنى ئېلىپ ئۈرۈمچىنى ئايلانماقچى»-دېدى.

(قەشقەر تاڭ شياۋرۇڭ)

3.png

分享到: