新闻详情

لى ئەپەندى مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشالىققا چۆمدى

发表时间:2021-03-24 12:54作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ئىككى ئاي ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇش نەتىجىسىدە ئارزۇ ئاخىرى رېئاللىققا ئايلاندى

سانجى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى لى ئەپەندىنى «بۇلۇتنىڭ ئېچلىشىنى كۈتكەندىلا ئايدىڭنى كۆرگىلى بولىدۇ» دېيىشكە بولىدۇ، ئۆزى ئىككى ئاي ساقلىغان نومۇر ئاخىرى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ 2021018-سانىدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، بىر دو قوش رەڭلىك توپ 2-دەرىجىلىك مۇكاپات، قوشۇمچە بىر قانچە كىچىك مۇكاپات ئېلىپ كەلدى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 195880 يۈەن بولدى.

4.png

2- ئاينىڭ 24- كۈنى تەلەيلىك لى ئەپەندى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سانجى پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ، بۇ كاتتا مۇكاپاتىنى ئېلىپ كەتتى. مۇكاپات ئالغاندا، سۆزمەن لى ئەپەندى ئاۋۋال گەپنى باشلاپ، خىزمەتچى خادىملار بىلەن ئۆزىنىڭ «لاتارىيە سېتىۋېلىش تارىخى» دىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

«تۇنجى قېتىم "قوش رەڭلىك توپ" ئويۇنى بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىم 2016 ـ يىلىنىڭ بېشىدا بۇلۇپ، ئەينى چاغدا "قوش رەڭلىك توپ" ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغىنىغا كۆپ يىل بولغانىدى، مەن ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ چوڭ ـ كىچىك مۇكاپاتى ۋە مۇكاپات سوممىسىنىڭ كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە مەپتۇن بولدۇم. دەسلەپتە، ئۆيدىكىلەر ئىزچىل مېنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشىمغا قارشى تۇردى، لېكىن مېنىڭ يېتەكلىشىم بىلەن، ئۇلار ئاستا-ئاستا پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە نىسبەتەن يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى، لاتارىيەنىڭ كىشىگە ئۈمىد ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە باشقىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن 2017 ـ يىلىدىن باشلاپ، ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ تەسىرىمدە، تەدرىجىي "قوش رەڭلىك توپ" لاتارىيەچىلەر قوشۇنىغا قېتىلدى، يەنە مەن بىلەن بىللە كۆڭۈل قويۇپ نومۇر تاللاپ دو تىكتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇنىڭدىن خۇشالىققا ئېرىشتى.»-دېدى.

بىر پەس تۇرغاندىن كېيىن، لى ئەپەندى داۋاملىق تولۇقلاپ مۇنداق دېدى:« 23- چېسلا، دەل "قوش رەڭلىك توپ" ئويۇنىنىڭ 2021018- قارارلىق مۇكاپات ئېچلىش كۈنى، مەن ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65230129 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ، بىر دەم يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆردۈم، بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن يەنىلا ھېچقانداق ئىلھام كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىراقلا بۇ "8 + 1" بىرىكمە نومۇرنى يەنە بىر قېتىم سېتىۋالدىم، ئىشقىلىپ ئىككى ئاي ساقلىدىم. شۇ كۈنى كەچتە، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر تېلېۋىزوردىن مۇكاپات نەتىجىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىردىنلا قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىككى ئاي چىڭ تۇرۇپ ساقلاپ كەلگەن نومۇرنىڭ ھەممىسى قىزىل توپتا چىقتى!»-دېدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، لى ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشى ئارقىلىق، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى لاتارىيە سېتىۋېلىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ "قوش رەڭلىك توپ" ئويۇنى ئويناپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىن ئىبارەت بۇ پاراۋانلىق يولىدا داۋاملىق ماڭىمىز!»-دېدى.

分享到: