新闻详情

شەھەرنى تېخىمۇ گۈزەل، ھەمدە ئىناق قىلايلى

发表时间:2021-03-24 18:04作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

شەھەرنى تېخىمۇ گۈزەل، ھەمدە ئىناق قىلايلى

پاراۋانلىق لاتارىيىسى پىدائىيلىرى «ھەپتە ئاخىرىدىكى تەقدىم قىلىش كۈنى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

5.png

(يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقان پىدائىيلار)

6.png

(تەشۋىقات ۋارىقى ئالغان ئىلى پاراۋانلىق لاتارىيىسى پىدائىيلىرى)

سېنىڭ تەبەسسۇمىڭ شەھەرنىڭ ئەڭ گۈزەل چىراي ئىپادىسىگە ئايلىنىدۇ؛ سېنىڭ ھەرىكىتىڭ شەھەرنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرىغا ئايلىنىدۇ.

3 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى،«مەدەنىي قېلىپلاشقان ئاپتوموبىل توختىتىش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «ھەپتە ئاخىرىدىكى تەقدىم قىلىش كۈنى» پائالىيىتى غۇلجا شەھىرى غول يولللىرى بولغان ئازادلىق يولى، ئايرودۇرۇم يولىدا، ستالىن كوچىسى 1 ـ كوچىسىدىن ستالىن كوچىسى 6 ـ كوچىسىغىچە بولغان ئاساسلىق يول ئېغىزىدا قانات يايدۇرۇلدى، ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدىكى دالا مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيسىدىن 45 كىشى، غۇلجا شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەزاسىدىن 20 كىشى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە بىرلىكتە قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى قېلىپلاشقان ئاپتوموبىل توختىتىش تەشەببۇسىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش ئورنى سىزىقىغا ئۆلچەملىك توختىتىپ، مەدەنىي توختىتىش، بىر تۇتاش ئاپتوموبىل توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يېشىللىق، پىيادىلەر يولى، ئوت ئۆچۈرۈش يولى، يېشىل يول قاتارلىقلارنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويماسلىق؛ ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىشقا توغرا كەلسە، مۇۋاپىق ئاپتوموبىل توختىتىش نۇقتىسىنى تاللاپ، تۆت كوچا ئېغىزى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى، پىيادىلەر يولى قاتارلىق باشقىلارنىڭ يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان جايلاردا توختاتماسلىق؛ ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، مەدەنىي، قېلىپلاشقان ئاپتوموبىل توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەتراپىدىكى دوستلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاپتوموبىلنى قالايمىقان توختىتىشتەك ناچار ئادەتلەر بىلەن خوشلىشىپ، تىنچ، ئىناق، راۋان يول قاتناش مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

7.png

(پاراۋانلىق لاتارىيىسى پىدائىيلىرى قائىدىگە خىلاپ ھالدا توختىتىپ قويۇلغان موتسىكلىتنى يۆتكىمەكتە)

8.png9.png

(پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى مەدەنىي، قېلىپلاشقان ئاپتوموبىل توختىتىش تەشەببۇسنامىسى تارقىتىۋاتىدۇ)

ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى دالا مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ما چىمىڭ مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىم مەدەنىي، قېلىپلاشقان ئاپتوموبىل توختىتىشنى تەشەببۇس قىلىش بىز پىدائىيلار قىلىدىغان ئىشنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى. گۈزەل غۇلجا بىزنىڭ ئائىلىمىز، بىز قىلىدىغان ئىشلار يەنە ناھايىتى كۆپ، بىز ھەربىرىمىز ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ يېشىل، سۈزۈك سۇلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشىمىز، يەنە كۈچ چىقىرىمىز، چۈنكى تامچە سۇ ھامان تاشنى تېشەر!»-دېدى.

3 ـ ئايدىن باشلاپ، ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى، غۇلجا شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە پىدائىيلار «ھەپتە ئاخىرىدىكى تەقدىم قىلىش كۈنى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ پائالىيەت 3 ـ ئايدىن باشلاپ 10 ـ ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، شۇ چاغدا پىدائىيلار ھەر جۈمە كۈنى بىر كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شەھەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىدۇ. «ھەپتە ئاخىرىدىكى تەقدىم قىلىش كۈنى» پائالىيىتى مەزگىلىدە، پىدائىيلار پويىز ئىستانسىسى، ئاپتوموبىل بېكىتى، ئايرودۇرۇمغا كىرىپ، «شەھەرنى يورۇتۇش كۆزنىكى» مەدەنىي، چوڭ تازىلاش پائالىيىتى، مەدەنىي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش، يېتەكلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يەنە ئارقا كوچا، كونا مەھەللە، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تازىلىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، باغچا، مەيدان، ۋوگزال، ئاۋات سودا رايونى، سەيلىگاھ قاتارلىق رايونلارنىڭ شەھەر قىياپىتى، مۇھىت تازىلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شەھەردىكى ئاساسلىق يول ئېغىزلىرىدا پىدائىيلار پىيادىلەرنىڭ قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ، «ھەممە ئادەم قاتنىشىش، ھەممە ئادەم يول بېرىش، بىخەتەر، راۋان بولۇش» تەك قاتناش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

(ئىلى ياڭخۇي)

分享到: