新闻详情

ئەگەر كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشسىڭىز، مۇكاپاتنى قانداق ئېلىشنى بىلەمسىز؟

发表时间:2021-03-25 17:08作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

شىنجاڭدىكى لاتارىيەچىلەر «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى

ئەگەر كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشسىڭىز، مۇكاپاتنى قانداق ئېلىشنى بىلەمسىز؟

2021 ـ يىلىغا كەلگەندە، شىنجاڭ لاتارىيەچىلىرىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، كاتتا مۇكاپاتلارغا ئارقا-ئارقىدىن ئېرىشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭ لاتارىيەچىلىرى جەمئىي يەتتە دو «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 5 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 9 مىليون 220 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە سانجىدىكى لاتارىيەچى ئەڭ قالتىس بولۇپ، جەمئىي ئۈچ دو مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، قالغان تۆت دو مۇكاپات ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەر، ئاقسۇدىن چىققان. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرۈۋېلىڭ.

12.png

شىنجاڭدىكى لاتارىيەچىلىرىنىڭ تەلىيى شۇنداق ياخشى، بۇنىڭ سىزمۇ قىزىقىپ قالدىڭىزمۇ، بىر نەچچە تال « قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقمامسىز؟ ئىشقىلىپ تەھرىر ھەۋەس قىلدى، ھەتتا «خام خىيال» قىلىپ، ئۆزىگە چوڭ مۇكاپات چىققاندىن كېيىنكى ئەھۋالنى خىيال قىلىشقا باشلىدى. ئۇنداقتا، مەسىلە كەلدى! ئەگەر سىز كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشسىڭىز، قانداق مۇكاپات ئېلىشنى بىلەمسىز؟ تەھرىر سىزگە بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ قۇيىدۇ!

ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى جەزملەشتۈرسىڭىز (500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى) ، شۇنداقلا مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش مەزگىلى ئىچىدە بولسا، ئالدى بىلەن شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مۇكاپات ئىلتىماس قىلىش تېلېفونى 0991-3075655 غا تېلفۇن قىلشىڭىز كېرەك، ئاندىن خىزمەت ۋاقتى (دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00-2:00، چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00-19:30) دا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ياڭچېڭخۇ يولى 225-نومۇرلۇق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات نەقلەشتۈرىسىز. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەرتىپىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

13.png

دوستلار! پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش تەرتىپىنى بىلىۋالدىڭىز، ھازىر سىلەردە مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتى كەم! ئەمدى بىز بىرگە پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى ھەر قايسى ئويۇنلارغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ، پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللاپ، ئامەت كەلگەن گۈزەل پەيتتىن تەڭ بەھرىمەن بولايلى!

分享到: